|
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئىچكىرىدىكى 100 گە يېقىن ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرسنىڭ 1 – تۈركۈمىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىن 420 ئوقۇغۇچىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلغان.
ئىگىلىنىشچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى، سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 100گە يىقىن ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، تور ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى كۆپەيتىپ، تولۇق كۇرسنىڭ 1 – تۈركۈمىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىن 420 ئوقۇغۇچىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلغان، بۇنىڭ ئارىسىدا ئىجتىمائىي پەن تۈرىگە 70 ئوقۇغۇچى، تەبىئىي پەن تۈرىگە 350 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
|