باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم پاكىزە ئېنېرگىيە مەنبەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشلىرىنى بېكىتتى
2008- 07- 21 11:46 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      ئۈرۈمچى شەھىرى نۆۋەتتە ، ئىسسىق سۇ پومپىسى تېخنىكىسى ، توك ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىش قاتارلىق بىر تۈركۈم پاكىزە ئېنېرگىيە مەنبەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشلىرىنى بېكىتتى . بۇ قۇرۇلۇشلارغا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 47 مىليون 640 مىڭ يۈەن بولۇپ ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 165 مىڭ 800 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە ، ھۆكۈمەتتىن ھەر بىر كۋادرات مېتىر ئۈچۈن 50 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ .

      بۇلتۇر ، ئۈرۈمچى شەھىرى يەر مەنبەلىك ئىسسىق سۇ پومپىسى ، توك ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىش قاتارلىق پاكىزە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىدا قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ ، سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش كۆلىمىنى 33 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يەتكۈزدى . 11– بەش يىللىق پىلان مەزگىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ ، ھاسىلىي بايلىق مەنبەسىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشلاردا ئىشلىتىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ ھەمدە ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن بولغان ، ئالاھىدە تۆۋەن بولغان ۋە مۇھىتقا پايدىلىق بولغان بىناكارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ .

 

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ