باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باھانى ئۆستۈرسە،تەرەققىيات–ئىسلاھات كومىتېتى مەخسۇس تەكشۈرىدۇ
2008- 07- 21 11:38 شىنجاڭ گېزىتى

   يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك باھا باشقۇرۇش تارماقلىرىغا خىمىيىۋى ئوغۇت باھاسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بارلىق كۈچ بىلەن خىمىيىۋى ئوغۇت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداشنى يەنە بىر قېتىم ئورۇنلاشتۇردى. مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى 6 – ئاينىڭ ئاخىرى باشلاندى. 9 – ئاينىڭ ئاخىرى ئاخىرلىشىدۇ.  توردا خەۋەر قىلىنىشىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى 6 – ئاينىڭ 24 – كۈنىدىن بۇرۇن ھەرخىل ئۇرىيەلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھاسىغا چەك قويۇش تەدبىرىنى قوللانغان.

   دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى  خىمىيىۋى ئوغۇت بازىرىدا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان باھانىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى چەكلەش. ھازىر خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەپ چىقىرىدىغان ۋە ساتىدىغان بىر قىسىم كارخانىلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باھانى ئۆستۈرۈپ، خىمىيىۋى ئوغۇت باھاسى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا خىمىيىۋى ئوغۇت باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، باھادا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ