|
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر تولۇق كۇرسنىڭ 1 – تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 11 – ئىيۇل باشلىنىپ، 16 – ئىيۇل ئاياغلاشقان، 18 – ئىيۇل بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18 گىچە تولۇق كۇرسنىڭ 1 – تۈركۈمىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىن 16مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي پەن تۈرىگە 3700دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، تەبىئىي پەن تۈرىگە 12 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، تولۇق كۇرسنىڭ 2 – تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 19 – ئىيۇلدىن 24 – ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىكەن، بۇ تۈركۈمدە 598 مەكتەپ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، 21 مىڭ 872 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي پەن تۈرىگە 6211 ئوقۇغۇچى، تەبىئىي پەن تۈرىگە 15 مىڭ 661 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە ئاپتونوم رايون سىرتىدىن 2022 ئوقۇغۇچى، ئاپتونوم رايون ئىچىدىن 4189 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە ئاپتونوم رايون سىرتىدىن 5076 ئوقۇغۇچى، ئاپتونوم رايون ئىچىدىن 10 مىڭ 585 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
|