|
ئالدىنقى بەش ئايدا، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادى سىجىل يۈكسىلىپ، دۆلەت بېجى كىرىمى زور دەرىجىدە ئېشىشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى.
5 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ ۋىلايەتنىڭ دۆلەت باج كىرىمى 402 مىليون 950 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن 124 مىليون 70 مىڭ يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %5.44 كە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يەرلىك ياراتقان دۆلەت بېجى ئومۇمىي كىرىمى 315 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە، نېفىتلىك ياراتقان دۆلەت بېجى ئومۇمىي كىرىمى 87 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %24.3 ۋە %249 ئاشتى.
|