|
جىڭ ناھىيىسى سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلىك ئۇل مۇئەسسەسىلىرىنى ياخشىلاپ ۋە ساياھەت نۇقتىلىرىنى كۆپلەپ ئېچىپ، ساياھەتچىلىكنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى.
جىڭ ناھىيىسى بۇلتۇردىن بۇيان 39 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، باينامۇل، دۇلاخۇڭ، دۈمتىجىڭ قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەت ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش يولى بىلەن 2 مىليون 700 مىڭ يۈەن كىرگۈزۈپ، باينامۇل مەنزىرە رايونى بىلەن قاراتاغ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بازىسى مەنزىرە رايونىنى ئېچىشنى تېزلەتتى. باينامۇل مەنزىرە رايونىنىڭ گۇمانتارلىق تەبىئىي مەنزىرىسىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ، دېھقانلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ ‹‹ئائىلە شادلىقى›› ساياھەت نۇقتىسى قۇرۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى ھەم مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇردى. باينامۇل – دۇلاخۇڭ ۋە ناھىيە بازىرى بىلەن قاراتاغ مەنزىرگاھى يولىنى تۇتاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە قولايلىق ياراتتى. 5 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 91 مىڭ 200 گە، ساياھەتچىلىك كىرىمى 10 مىليون يۈەنگە يەتتى.
|