|
‹‹راۋان تاموژنا›› قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، پورتنىڭ يۈك ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەنلىكتىن، ئالاتاۋ پورتىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يۈك ۋە تاشقى سودا سوممىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
بۇ يىل ئالاتاۋ پورتى ‹‹راۋان تاموژنا›› قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈك ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغانلىقتىن، 5 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پورتتىن ئۆتكۈزۈلگەن يۈك 7 مىليون 379 مىڭ 44 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، تاشيول ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن مال 99 مىڭ 209 توننىغا يىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %107.8 ئاشتى؛ تۆمۈريول ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن مال %2.2 ئاشتى؛ جۇڭگو – قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسى ئارقىلىق ئېمپورت قىلىنغان خام نېفىت 2 مىليون 284 مىڭ 60 توننىغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.5 ئاشتى. 5 – ئايغىچە ئالاتاۋ پورتىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت سوممىسى 3 مىليارد 978 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %34.8 ئاشتى. تاموژنا بېجىدىن 2 مىليارد 799 مىليون يۈەن غەزىنىلەشتۈرۈلۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %20.7 ئاشتى.
|