|
ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ تاشقى سودا سوممىسى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا 683 مىليون دوللارغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىمپورت سوممىسى 108 مىليون دوللارغا، ئېكسپورت سوممىسى 575 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم %24.3 ۋە %129 ئاشتى.
تەھلىل قىلىنىشىچە، ساياھەت ماللىرى سودىسىنىڭ جانلىنىشى ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ تاشقى سودا سوممىسىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان. ئالدىنقى تۆت ئايدا، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ ساياھەت ماللىرى سودا سوممىسى 455 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %66.6نى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ يەرلىك مەھسۇلات ئېكسپورت سوممىسىمۇ 46 مىليون دوللارغا يېتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەم ھاسىل قىلىنغان.
|