|
مۇخبىرنىڭ 3 – ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر قاتنىشى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مىنىبۇسنىڭ بازاردىن چېكىندۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى، ‹‹جېنباۋ›› ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى، ‹‹شىڭشېڭ›› ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى، ‹‹خاۋتەي›› گۇرۇھى قاتارلىق بىر قىسىم ئاممىۋى قاتناش كارخانىلىرى بۇنىڭغا مۇناسىپ تەدبىر تۈزۈپ قويغان. ئۇلار مىنىبۇسنىڭ چېكىنگەندىن كېيىنكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، تىجارەت ترانسپورتى پىلانىنى تەڭشەپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ يول يۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 310 يېڭى ئاپتوبۇس كۆپەيتكەن، ‹‹جېنباۋ›› ئاپتوبۇسى چەكلىك شىركىتى 185 يېڭى ئاپتوبۇس كۆپەيتكەن، ‹‹شىڭشېڭ›› ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى 50 يېڭى ئاپتوبۇس كۆپەيتكەن، ‹‹خاۋتەي›› گۇرۇھى ترانسپورت چەكلىك شىركىتى 526 – يولدا قاتنايدىغان مىنىبۇس بازاردىن چېكىنگەندىن كېيىن، 27 ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى يېڭىلاشنى پىلانلىغان. ھەر قايسى ئاممىۋى قاتناش شىركىتىنىڭ ئاپتوبۇس كۆپەيتىشى ۋە ترانسپورت كۈچىنى تولۇقلىشى بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش ئىدارىسى ھەر قايسى ئاممىۋى قاتناش شىركەتلىرىگە 12 مېتىردىن ئۇزۇن چوڭ سىغىملىق ئاممىۋى ئاپتوبۇس كىرگۈزۈشنى ئويلىشىش تەكلىپىنى بەرگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ‹‹مىنىبۇس بازاردىن چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر قايسى كارخانىلار ترانسپورت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسى يولۇچىلار ترانسپورتىنى باشقۇرۇش نىزامى›› غا قاتتىق ئەمەل قىلىشى، نازارەت قىلىش ۋە جازالاش مەجبۇرىيىتىنى قانۇنغا ئاساسەن ئىجرا قىلىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن سىرت، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى %93 تىن ئارتۇق يۇقىرى سەرپىياتلىق ۋە كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان مىنىبۇسلار شەھەر ترانسپورت بازىرىدىن چېكىندۈرۈلىدىكەن. 2010 – يىلىغا بارغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى پاكىز، مۇھىت ئاسرايدىغان يېقىلغۇ ئىشلىتىدىغان ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى ۋە تاكسىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا مۇشۇ خىلدىكى ئاپتوموبىل ئومۇمىي سانىنىڭ %90 ى ۋە %95 ىدىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار يەنە ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىنىڭ يولغا چىقىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر – يېزا ئاممىۋى قاتنىشىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ئاممىۋى قاتناش تورىنىڭ شەھەر مەمۇرىي رايونىنى قاپلاش دائىرىسى %90 تىن ئاشۇرۇلىدىكەن، بېكەتنىڭ قاپلاش نىسبىتى (300 مېتىرنى رادىئۇس قىلىپ ھېسابلىنىدۇ) ئاساسلىق رايوندا %70 تىن ئاشۇرۇلىدىكەن، مەركىزىي رايوندا %37 تىن ئاشۇرۇلىدىكەن، يىراق شەھەر ئەتراپىدا %4 تىن ئاشۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئاممىۋى قاتناشنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىسىگە قۇلايلىق يارىتىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى شىركىتى، ‹‹جېنباۋ›› ئاپتوبۇس گۇرۇھى شىركىتىنىڭ بىر قىسىم ئاساسىي لىنىيىدە ماڭىدىغان ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ يازدا ئەڭ كەچ توختاش ۋاقتى سائەت 30: 1 غا سۈرۈلگەن. بىر قىسىم پۇقراۋى ئاممىۋى قاتناش شىركەتلىرى شوپۇرلارنى كېچىدە ئاپتوبۇس ھەيدەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەت ۋاقتىدىن سىرت ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندىكى بارلىق كىرىم شوپۇرنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق دەپ بەلگىلىگەن. نۇرغۇن ئاممىۋى قاتناش شىركەتلىرىمۇ مۇۋاپىق لايىھە تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ.
نەچچە يىل بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچىلار ترانسپورتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسى مىنىبۇس بازاردىن چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن تىجارەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا باشلىغان. يولۇچىلار ترانسپورتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار خادىمى مۇنداق دېدى: ‹‹مىنىبۇس تىجارەتچىلىرى ئاساسلىقى شوپۇرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ئويلاشقاندىن كېيىن، يولۇچىلار ترانسپورتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسى كەسىپكارلارنى بېكىتىش بەلگىلىمىسىنى تەڭشىدى، ھەر بىر تاكسى ئۈچ كەسىپكار بېكىتسە بولىدۇ ھەم بىر كىشى پەقەت بىر كەسىپكار بېكىتىش بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاكسى كەسپىلا 21 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ. يەنە باشقا يۈك، يولۇچىلار ترانسپورت كەسىپلىرىنى مىسالغا ئالساق، مىنىبۇس تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولىدۇ.››
تارماقلارنىڭ قارىشى
شەھەر قاتنىشى ئىدارىسى: ھازىر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى
ئىشلارغا ناھايىتى دىققەت قىلىدىغان شەھەر ئاھالىسى شۇنى بايقىيالايدىكى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاممىۋى قاتناش لىنىيىسى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس ھەتتا تار كوچىلارغىمۇ كىردى شۇنداقلا ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ شەكلىمۇ بارغانسېرى چىرايلىقلىشىپ، سەيلە – ساياھەت ئاپتوبۇسى، ‹‹جېنباۋ›› ئاپتوبۇسى قاتارلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى شەھەر ئاھالىلىرىنى خۇش قىلدى. نەچچە يىل بۇرۇنقى ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، بۈگۈنكىنى ئۆتمۈشتىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر قاتنىشى ئىدارىسى يولۇچىلار ترانسپورتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر پۈتكۈل شەھەردە ئاممىۋى يولۇچىلار ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتتىن 13 بار. بۇ شىركەتلەر 3658 ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى ئىشقا سېلىپ، 129 لىنىيىدە تىجارەت قىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئاممىۋى ترانسپورت كۈچى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ يول يۈرۈش ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ.
قاتناش ساقچىسى تارماقلىرى: ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۈەن رەن مۇنداق دېدى: ‹‹مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تىجارەتلىك ترانسپورت ئاپتوموبىللىرى (تاكسى، مىنىبۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ يولغا چىقىش مىقدارى شەخسىي ئاپتوموبىل ۋە ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ يولغا چىقىش مىقدارىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇ بىر تۈركۈم مىنىبۇسنىڭ بازاردىن چېكىنىشى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بىر قىسىم قاتناش ئېقىمىنىڭ ئازلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما، شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مىنىبۇس بازاردىن چېكىنگەندىن كېيىن، قاتناش ساقچىسى تارماقلىرى ئۇلارغا نىسبەتەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ پىكرى كۆپرەك بولغان قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش، خالىغان يولغا كىرىۋېلىش قاتارلىق تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يول تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر: ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا يەنىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇش كېرەك
ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى جەمئىيەتشۇناسلىق ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ شىفانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مىنىبۇسنى شەھەر رايونىدىن چېكىندۈرۈش ئاللىبۇرۇن مەملىكەت ئىچىدىكى نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەرنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى. بۇنىڭ سەۋەبى، شەھەر تەرەققىي قىلىش جەريانىدا تەدرىجىي بىخەتەرلىك بىلەن ئۈنۈم ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق، ئومۇمىيلىق بىلەن قىسمەنلىكنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، قىسمەن ئاممىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە ئەركىنلىك بىلەن قائىدىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
مىنىبۇس ئىلگىرى ئاممىۋى ترانسپورت كۈچىنىڭ يېتەرسىز جايلىرىنى تولۇقلىغان، مىنىبۇسلارنىڭ تىجارەت ئۇسۇلى، يول يۈرۈش ۋاقتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شەھەر ئاھالىسىگە قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن. ئەينى يىللاردا مىنىبۇسلارنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ بازار ئېھتىياجىنىڭ نەتىجىسى ئىدى، ئەمما، مىنىبۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەر، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ تېز كۆپىيىشى قاتارلىقلار مىنىبۇسنىڭ بازاردىن چېكىنىپ چىقىشىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈپ قويدى. بۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈش ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، ئاممىۋى ترانسپورتنىڭ ئۈنۈمىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئاممىۋى ئاپتوبۇس مىنىبۇسنىڭ ئورنىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش شۇنداقلا تېخىمۇ بىخەتەر قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوبۇسلارنىڭ يول ئىگىلىۋېلىشىنى ئازايتىپ، شەھەر قاتنىشىغا بولغان بېسىمنى پەسەيتىش زۆرۈر.
شۇڭا، مىنىبۇس بازاردىن چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاممىۋى قاتناشنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن شەھەر قاتنىشىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدۇ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا بولغان تەلەپمۇ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاممىۋى قاتناش شىركەتلىرى قانداق قىلغاندا شەھەر ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ قۇلايلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەرنى ئالاقىدار تەرەپلەر چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى ۋە پىلانلىشى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىنىبۇس بازاردىن چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مىنىبۇس كەسىپكارلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|