باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى860 مىنىبۇس بۇ يىلنىڭ ئىچىدە يولۇچى توشۇش بازىرىدىن چېكىندۈرۈلىدۇ
2008- 07- 21 10:55 شىنجاڭ گېزىتى

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 860 مىنىبۇسنىڭ براك بولۇش مۇددىتى توشۇپ، شەھەر يولۇچى توشۇش بازىرىدىن چېكىنىدۈرۈلىكەن، 2011 – يىلىغا كەلگەندە، بارلىق مىنىبۇسلار يولۇچى توشۇش بازىرىدىن چېكىنىدۈرۈلدىكەن.

   ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 1100 مىنىبۇسنىڭ براك بولۇش مۇددىتى تەدرىجىي توشۇۋاتىدۇ، 7 – ئايدىلا 464  مىنىبۇسنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتى توشۇپ براك قىلىندى. بۇ يىل يولۇچى توشۇش بازىرىدىن چېكىنىدۈرۈلىدىغان مىنىبۇسلار 19 – يول، 44 – يول، 153 – يول، 905 – يول، 10 – يول، 16 – يول، 915 – يول لىنىيىلىرىگە چېتىلىدۇ.

   بۇ يىل مەجبۇرىي براك قىلىنىدىغان مىنىبۇسلاردىن 860 ى بولۇپ، تۇيۇقسىز كېمەيگەن ترانسپورت بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قاتناش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 20 – ئىيۇلدىن بۇرۇن بەش ئاساسلىق ئاممىۋى قاتناش لېنىيىسىگە  39 ئاپتوبۇس قوشىدىكەن،  قاتناش ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەڭشەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ترانسپورت بېسىمىنى پەسەيتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى  30 زاپاس ئاپتوبۇس تەييارلاپ، ترانسپورت كۈچى يېتىشمىگەن  لىنىيىلىرىگە تەڭشەيدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ