|
قەدىمىي ‹‹يىپەك يولى››نىڭ تۈگۈنى، مەرۋايىت شەھەر قەشقەر ئىيۇن ئېيىدا 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئو ت م نىڭ مۇقەددەس مەشئىلىنى يەتكۈزۈشتەك خاسىيەتلىك پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا، يەنە بىر كاتتا مەرىكىگە ‹‹ساھىبخانا›› بولدى. يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرلەرنى كۆرگەزمە قىلىش ھەم دۆلەت ئىچى ۋە ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋار سودىسى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش، ئىقتىساد – تېخنىكا ھەمكارلىقى ئۈستىدە كېڭىشىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان 4 – نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر، ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى›› (قەشقەر سودا يەرمەنكىسى) 28 – ئىيۇندىن 2 – ئىيۇلغۇچە قەشقەر پەن – تېخنىكا مەدەنىيەت مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە جەمئىي 1200 يايما ئورنى تەسىس قىلىنىپ، يەرمەنكىگە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، كان مەھسۇلاتلىرى، ماشىنا – ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار 11 چوڭ تۈر، 100 دىن ئارتۇق كىچىك تۈر بويىچە قاتناشتۇرۇلدى. يەرمەنكىدە قەشقەر ۋىلايىتى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى سودىگەرلەر بىلەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈرلەر ۋە كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش، سودا ئوبوروتى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە چېتىلىدىغان 273 تۈردە جەمئىي 14 مىليارد 25 مىليون يۈەن قىممىتىدە ئىقتىسادىي توختام ئىمزالىدى.
يەرمەنكە مەزگىلىدە يەنە كۆرگەزمە، كېڭىشىش، سودا، تەكشۈرۈش ۋە سەيلە – ساياھەت بىرلەشتۈرۈلگەن مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، يەرمەنكە تېخىمۇ جەلپكارلىققا، ئۈنۈمدارلىققا ئىگە قىلىندى.
قەشقەر سودا يەرمەنكىسى 2005 – يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلمەكتە.
|