|
بۇخەلچەم كېۋىر
باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە، بايان، چۈشەندۈرۈش، شېئىر، چۆچەك، مەسەل، لەتىپە، تېپىشماق، خەت – چەك خاراكتېرلىك ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەن تۆۋەندە باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇتۇشتىكى ئۇسۇللار توغرىسىدا قارىشىمنى كەسپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:
1. باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېكىستلەر ئىچىدە بايان خاراكتېرلىك ماقالىلەرنىڭ ئىدىيىۋىلىكى كۈچلۈك، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بىر قەدەر چوڭقۇر، شۇڭا، بايان خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى ئوقۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەر قايسى يىللىقلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، تۆۋەن يىللىقلار بىلەن يۇقىرى يىللىقلارنىڭ دەرس مەزمۇندىكى پەرق بىر قەدەر چوڭ، بۇلارنى ئوقۇتۇشتىكى مېتودىكىلىق ئومۇمىي پرىنسىپلار ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىسىمۇ، لېكىن ۋاقىت، خاراكتېر ۋە ئوبيېكىتنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قويۇلىدىغان تەلەپ ھەم ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا مەلۇم پەرقلەر بولىدۇ، يەنى ئوقۇش ئۇسۇلىدا ئۈنلۈك ئوقۇش، ئۈنسىز ئوقۇش، پەس ئاۋاز چىقىرىپ ئوقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئوقۇش شەكلى قوللىنىلىدۇ، شۇڭا، تېكىستنى ئوقۇتۇشتا كۆنۈكمىدىكى ئوقۇتۇش تەلىپى بويىچە ئوقۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
2. باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى ئۆتكەندە، چۈشەندۈرمەكچى بولغان شەيئىنى چۈشەندۈرۈشنى ئاساس قىلىپ تەھلىل قىلىش، شۇ شەيئىنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيىتى ئۈستىدە تولۇق تەھلىل ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، چۈشەندۈرمەكچى بولغان شەيئىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئەت ۋە جەمئىيەتتىكى شەيئىلەرگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
3. باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر ئىچىدە، شېئىر، چۆچەك، لەتىپە خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا، بۇ ژانىرلارنى ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك.
4. باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ئوقۇغۇچىلارنى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ سۆزلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلاردىن دەرسلىك مەزمۇنىغا ئاساسەن، سوئاللارنى سوراپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە تېكىست مەزمۇنىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
5. باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېزىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېزىق تىلنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەرىپەت ئىگىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقىقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، يېزىق شەكلىنىڭ چىرايلىق، توغرا، ئۆلچەملىك بولۇشىغا قاتتىق تەلەپ قويۇشى كېرەك.
6. باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدە تاپشۇرۇق بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتقۇچى مۇۋاپىق ھالدا تاپشۇرۇق بېرىشكە سەل قارىماسلىق كېرەك.
|