|
ئىسپانىيە پادىشاھى كارلوسI بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا 16 – ئىيۇل مادرىدتا بۈگۈنكى دۇنياۋىلىشىش دەۋرىدە ، ئوخشىمىغان دىن ۋە مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ ، تېررورلۇق ، ئىرقچىلىق ، نامراتلىق ۋە قىيىنچىلىقنى يوقىتىپ ، تىنىچ ، ئادىل ، ئاۋات ۋە ئىناق دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى ، دېدى .
ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى ئويۇشتۇرغان دۇنيا سۆھبىتى يىغىنى شۇ كۈنى مادرىدتا ئېچىلدى .
پادىشاھ ئابدۇللا ھەر قايسى دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، دۇنيا سۆھبىتى يىغىنىنىق ئېچىشنى ئوتتۇرىغا قويغان . نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى ، ئۆلىماسى ،سىياسىي زاتلىرىدىن بولۇپ ، 300 ئادەم بۇ يىغىنغا قاتناشتى .
ئۈچ كۈن داۋاملاشقان دۇنيا سۆھبىتى يىغىنىدا قاتناشقۇچىلار كۆپ دىن ۋە كۆپ مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ۋە دۇنيانىڭ تىنىچلىقى ، ئىجتىمائىي ئەخلاقى ۋە تەبئىي مۇھىتنى ئاسراش ، مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە ئورۇشقا سەۋەب بولغان ئامىللارنى تۈگىتىش ، ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش ، ئورتاق گۈللىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى .
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|