|
6 – ئاينىڭ 5 – كۈنى سەھەردە ئابلىكىم، مالۇڭ قاتارلىق يەتتە دېھقان مۇتەخەسسىس يۆگىننىڭ ئۆيىگە كەلدى. يۆگىن ئۇلارنى دورىلىق ئۆسۈملۈك تېرىغان ئېتىزلىقىغا باشلاپ بېرىپ، ئۇلارغا دورىلىق ئۆسۈملۈك تېرىش تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەتتى.
يۆگىن قورغاس ناھىيىسى كۈرە بازىرىنىڭ كونا كۈرە كەنتىدىكى دورىلىق ئۆسۈملۈك تېرىش ماھىرى شۇنداقلا كۈرە بازىرىدا ئەڭ بۇرۇن دورىلىق ئۆسۈملۈك تېرىش بىلەن شۇغۇللانغان دېھقان. ئۇ 2006 – يىلىدىن بۇيان دورىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى 2500 كىلوگرامغا، كىرىمىنى 7000 يۈەنگە يەتكۈزۈپ كەلدى. يۆگىننىڭ دورىلىق ئۆسۈملۈك تېرىپ، ياخشى نەپ ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كەنتتىكى دېھقانلارمۇ دورىلىق ئۆسۈملۈك تېرىشقا قىزىقتى، لېكىن دورىلىق ئۆسۈملۈك تېرىش تېخنىكىسىنى بىلمىگەچكە، دەسلەپتە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى. ئۇلار ئاخىر يۆگىننى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن تېخنىكا ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈنگەندە، يۆگىن تېخنىكىنى ھەقسىز ئۆگىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەم ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ دورىلىق ئۆسۈملۈك تېرىشىغا بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، كەنتتىكى دېھقانلارمۇ دورىلىق ئۆسۈملۈك تېرىپ ياخشى نەپكە ئېرىشتى.
قورغاس ناھىيىلىك پەن – تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىن شىتاڭ ماڭا: ناھىيىمىزدە يۆگىنگە ئوخشاش ‹‹يەرلىك مۇتەخەسسىس››تىن 420 سى بار. ئۇلار ئەمەلىي تەجرىبىسىگە ئاساسەن، دېھقانلارنى پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن، ‹‹يەرلىك مۇتەخەسسىس››لەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇلارنىڭ رولىدىن يەنىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىمىز، دېدى.
|