باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
تېكەستە مائارىپ سېلىنمىسى ئاشۇرۇلۇپ، ئوقۇتۇش شارائىتى ياخشىلاندى
2008- 07- 18 12:30 شىنجاڭ گېزىتى

   تېكەس ناھىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى.

   بۇ ناھىيە بۇلتۇر مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 10 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سەككىز يېزا – بازاردىكى ئوتتۇرا،  باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى. 2007 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە بولغان يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش لايىھىسىنى تۈزۈپ، ھازىرغىچە 8 مىليون 200 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، مەكتەپلەرنىڭ 1500 كۋادرات مېتىر قۇرۇلۇشىنى رېمونت قىلدى. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى 14 مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا پار ئورناتتى. ناھىيە بازىرىدىكى مەكتەپلەر ۋە يېزا – بازار مەكتەپلىرىگە 8000 يۈرۈش پارتا – ئورۇندۇق سەپلەپ بەردى. بۇ يىل يەنە 13 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىدا  ئىش باشلىدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ