باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىنغان يەر دۆلەت ئىلكىگە قايتۇرۇلدى
2008- 07- 18 12:26 شىنجاڭ گېزىتى

   بورتالا شەھىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەر دۆلەت ئىلكىگە قايتۇرۇلدى. 

   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بىر قىسىم كىشىلەر بورتالا دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شەھەر ئومۇمىي پىلانى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش يەرلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلەپ، ئۆي سېلىۋالغان ياكى يېرىگە قوشۇۋالغان، شۇنىڭدەك بۇ يەرلەرنى ھايىنىغا سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئالاقىدار تارماقلار ئۇلارغا قۇرۇلۇش قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇغان بولسىمۇ، ئۇلار قانۇننى كۆزگە ئىلماي داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلغان. 6 – ئاينىڭ ئوتتۇرىغا قەدەر ئۇلار 11.6كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا قورۇق تام چۆرۈپ، دۆلەتنىڭ 15 گېكتار يېرىنى ئىگىلىۋالغان. يېقىندا بورتالا شەھەرلىك زېمىن – بايلىق ئىدارىسى، شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ج خ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە، قانۇنغا خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇش ۋە قورۇق تاملارنى چېقىپ، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىنغان يەرلەرنى قايتۇرۇۋالدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ