باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
‹‹ئۈزۈپ چىقىش››ئوقەتچىلىك شىركىتى ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلدى
2008- 07- 18 12:23 شىنجاڭ گېزىتى

   قۇمۇل شەھەرلىك ‹‹ئۈزۈپ چىقىش›› ئوقەتچىلىك  شىركىتىنىڭ 100 مىڭ يۈەن ياردەم قىلىشى بىلەن قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچى يېزا ئوردا قۇۋۇق كەنتىدە  ئىككى كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يول ياسالدى.

   قۇمۇل ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى بۇ يىل قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچى يېزا ئوردا قۇۋۇق كەنتىدە  يېزا، كەنت يولى ياساشنى پىلانلاپ،  قۇرۇلۇش باشلىغانىدى. 5 – ئايدا مەبلەغ كاملاپ، قۇرۇلۇش توختاپ قالدى.قۇمۇل شەھىرىدىكى ‹‹ئۈزۈپ چىقىش›› ئوقەتچىلىك  شىركىتى  5 – ئاينىڭ 6 –كۈنى قۇرۇلۇش ئىدارىسىگە 100 مىڭ يۈەن يەتكۈزۈپ بېرىپ،شىركەتتىكىلەرنىڭ بۇ <<ئەلرايى>> قۇرۇلۇشىغا ئاتىغان كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى. 

   قۇمۇل شەھەرلىك ‹‹ئۈزۈپ چىقىش›› ئوقەتچىلىك  شىركىتى ئىلگىرى  پالۋانتۇر يېزىسىنىڭ ياۋۇلۇڭ  كەنتىنىڭ ئىشخانىلىرىنى يېڭىلاش ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىنى يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇش قۇرۇلۇشىغىمۇ مەبلەغ ياردەم قىلغانىدى. تاشۋېلىق يېزىسىنىڭ خوتۇنتام كەنتىدىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر 23  ئوقۇغۇچىنىڭ  46 مىڭ يۈەن ئوقۇش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالدى.  ياۋۇلۇڭ كەنتىگە ‹‹ئۈزۈپ چىقىش›› باشلانغۇچ مەكتىپى سېلىپ بەردى.  بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ ‹‹ئۈزۈپ چىقىش ئوقۇش مۇكاپاتى›› تەسىس قىلىپ، ھەر يىلى 150 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگىچە  مەبلەغ ئاجرىتىپ، ۋىلايەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ