|
مالىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا تولۇقلىما ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2009 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن كاماندىروپكىغا چىققانلار ياكى يىغىنغا قاتناشقانلار ياتىدىغان نۇقتىلىق مېھمانخانىلارنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈزۈمى بويىچە بېكىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، پىلانى ئايرىم شەھەر) لىك ھۆكۈمەت جايلاشقان شەھەردىكى نۇقتىلىق مېھمانخانىنىڭ ئۆلچەملىك ياتىقى ۋە يالغۇز كىشىلىك ياتىقىنىڭ كېلىشىم باھاسى 300 يۈەندىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك ئىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: كاماندىروپكىغا چىققانلار ياتىدىغان مېھمانخانا ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن تۆۋەن (ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مېھمانخانا بولۇشى كېرەك. ئەگەر تۆت يۇلتۇز، بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلار شۇ قېتىملىق ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشتا بەلگىلەنگەن مېھمانخانا ياتىقىنىڭ باھا تەلىپىنى قوبۇل قىلالىسا، ھۆكۈمەتنىڭ كاماندىروپكىغا چىققانلار ياتىدىغان مېھمانخانىنى تاللىشىغا قاتناشسا بولىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، كاماندىروپكىغا چىققانلار ياتىدىغان مېھمانخانىلار كېلىشىم باھانى ھازىرقى ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك نۇقتىلىق مېھمانخانىنىڭ كېلىشىم باھاسىنى ئاساس قىلىپ مۇۋاپىق تەڭشىسە بولىدىكەن.
پرىنسىپ جەھەتتىن ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، پىلانى ئايرىم شەھەر) لىك ھۆكۈمەت جايلاشقان شەھەردىكى نۇقتىلىق مېھمانخانىنىڭ ئىككى ئېغىزلىق ياتىقىنىڭ كېلىشىم باھاسى 600يۈەندىن تۆۋەن بولۇشى، ئۆلچەملىك ياتىقى بىلەن يالغۇز كىشىلىك ياتىقىنىڭ كېلىشىم باھاسى 300 يۈەندىن تۆۋەن بولۇشى، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق مېھمانخانىنىڭ ياتىقىنىڭ كېلىشىم باھاسى يۇقىرىقى ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك ئىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، يىغىنغا قاتناشقانلار ياتىدىغان مېھمانخانىنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش بويىچە بېكىتىشنى يولغا قويغان رايونلار ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، پىلانى ئايرىم شەھەر) لىك ھۆكۈمەت جايلاشقان شەھەرنى ئاساس قىلىشى كېرەك ئىكەن، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ نۇقتىلىق مېھمانخانىنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش بويىچە بېكىتىش – بېكىتمەسلىكنى ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە تارمىقى بەلگىلەيدىكەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇيرۇق چىقىرىپ يىغىن ئېچىشنى چەكلىگەن مەنزىرە رايونلىرى ۋە مەشھۇر يادىكارلىقلار بار رايونلاردىكى مېھمانخانىلار يىغىنغا قاتنىشىدىغانلار ياتىدىغان نۇقتىلىق مېھمانخانىنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش بويىچە بېكىتىشكە قاتناشتۇرۇلمايدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|