|
خۇمدانلىق (نيەنزىگۇ) ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى (ئۈچتاش)يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كورلا، ئىلى، بورتالاغا قاتنايدىغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلاردا سەپەرگە چىقىدىغان يولۇچىلارغا بولكا، تەييار چۆپ ۋە مېنېرال سۇنى ھەقسىز بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپتۇ.
جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى (ئۈچتاش) يولۇچى توشۇش بېكىتىدىكى مەسئۇل خادىم ياڭ جۈن مۇنداق دېدى: ‹‹بىز 2006 – يىلىدىن باشلاپ كورلىغا قاتنايدىغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغان يولۇچىلارغا بولكا، تەييار چۆپ ۋە مېنېرال سۇ قاتارلىق 6.5 يۈەن قىممىتىدىكى يېمەكلىكنى ھەقسىز تارقاتقانىدۇق. بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى. ھازىرغىچە بۇ مۇلازىمەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ مۇلازىمەتنى باشقا جايلارغا قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلاردا كېڭەيتىشنى پىلانلىدۇق. يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېمەكلىكلەرنى مەخسۇس بەلگىلەنگەن كارخانىلاردىن كىرگۈزدۇق. مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى تارقىتىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز.
|