|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ يىل 6 – ئايدا مەملىكەت بويىچە چوڭ، ئوتتۇرا 70 شەھەردە ئۆينىڭ سېتىلىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2ئۆسكەن، ئۆسۈش نىسبىتى 5 – ئايدىكىدىن % 1 پوئېنت تۆۋەن بولغان؛ سېلىشتۇرما باھا 5 – ئاي بىلەن تەڭلەشكەن.
يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.2 ئۆسكەن، ئۆسۈش نىسبىتى 5 – ئايدىكىدىن %1پوئېنت تۆۋەن بولغان؛ سېلىشتۇرما باھا %0.1 ئۆسكەن، ئۆسۈش نىسبىتى 5 – ئايدىكىدىن %0.1 پوئېنت تۆۋەن بولغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە 90 كۋادرات مېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى سېلىشتۇرما باھاغا قارىغاندا %0.1تۆۋەنلىگەن.
ئەرزان، قۇلاي ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئۆسكەن، سېلىشتۇرما باھا %0.1 ئۆسكەن. ئادەتتىكى تاۋار ئۆيلەر بىلەن ئالىي دەرىجىلىك تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ۋە %11.1 ئۆسكەن، سېلىشتۇرما باھاسى %0.1 ۋە %0.2 ئۆسكەن.
يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن خېلى ئۆسكەن شەھەرلەر ئاساسلىقى: ئۈرۈمچى (%20.2)، خەيكۇ (%18.1)، نىڭبو (%14.7)، بېيجىڭ (%14.3)،خاڭجۇ (%13.3) لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ سېلىشتۇرما باھانىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %1 تىن ئاشقان شەھەر يەتتە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆسۈش نىسبىتى چوڭراق بولغان شەھەرلەر ئاساسلىقى: لەنجۇ (%2.6)، جىنىڭ (%1.5)، جىنەن (%1.4) بولۇپ، ۋېنجۇ بىلەن يۆياڭنىڭمۇ %1.2 ئۆسكەن. سېلىشتۇرما باھاسى چۈشكەن شەھەر 14 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چۈشۈش نىسبىتى چوڭراق بولغان شەھەرلەر ئاساسلىقى: نەنچۇڭ (%1.0 – )، نەنچاڭ (%0.9 – )، چېڭدۇ (%0.7 – )، ۋۇشى (%0.4 – ).
90 كۋادرات مېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىدا سېلىشتۇرما باھانىڭ ئۆسۈشى %1 تىن ئاشقان شەھەر سەككىز بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆسۈش نىسبىتى چوڭراق بولغان شەھەرلەر ئاساسلىقى: لەنجۇ (%3.3)، گۇيلىن (%2.0)، ۋېنجۇ (%1.4)، جىنخۇا (%1.2). سېلىشتۇرما باھاسى چۈشكەن شەھەر 13 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چۈشۈش نىسبىتى چوڭراق بولغان شەھەرلەر ئاساسلىقى: ۋۇشى (%3.3 – )، دالى (%1.9 – )، نەنچۇڭ (%1.7 – )، ۋۇخەن (%1.4 – )، شېنجېن (%1.3 – ).
|