|
. روسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ 17 – ئىيۇل موسكۋادا روسىيىنىڭ سېربىيە ئېتىراپ قىلغان كوسوۋو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئائىت ھەرقانداق لايىھىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
. مىسىر ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ 17 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 16 – ئىيۇل مىسىرنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن پويىز بىلەن ئاپتوموبىل سوقۇلۇش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار 42 گە يەتكەن، 40 كىشى يارىلانغان.
. ب د ت باش كاتىپى بان كىمون 16 – ئىيۇل دوكلات ئېلان قىلىپ، ب د ت ئافرىقا ئىتتىپاقى دارفور ئارىلاشما تىنچلىق ساقلاش قىسىمى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
. تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەتتىكى 11 قوراللىق بۆلگۈنچى تەشكىلاتنىڭ بىر باياناتچىسى 17 – ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتكە قاراتقان بارلىق قوراللىق ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئۇرۇش توختاتماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
. پولشانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىكورسكىي 16 – ئىيۇل مۇنداق دېدى: پولشا روسىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى بازا قۇرماقچى بولغانلىقىغا قارشى تۇرغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|