|
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن شىنجاڭ قېرىلىقشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى بىرلىكتە قۇرغان ‹‹جۇڭگو ياشانغانلار جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسىلىگە دېئاگنوز قويۇش – داۋالاش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش بازىسى››نىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 12 – ئىيۇل ئۆتكۈزۈلدى.
شىنجاڭ سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسىلىگە دېئاگنوز قويۇش – داۋالاش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنى ئاددىي، قۇلايلىق، ئەرزان، ئەمەلىي دېئاگنوز قويۇش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەزكۇر بازا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، ھەر مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئوخشىمىغان قوزغىلىش ئالاھىدىلىكىنى قاراتمىلىققا ئىگە بولغان ھالدا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى سىستېمىلىق داۋالايدۇ ھەم ئاغرىقلارنى داۋالاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ. مەزكۇر بازا يەنە سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسىلىگە دېئاگنوز قويۇش – داۋالاش ئاپپاراتى، نازارەت قىلىش مېخانىزمى ھەم داۋالاش تورى قۇرۇپ، سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسىلى ۋە سۆڭەك سۇنۇش كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى جاۋ شىبىڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسىلىگە بولغان تونۇشىمىزنىڭ تۆۋەن بولۇشىمۇ سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەبنىڭ بىرى. كالا سۈتىنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە، سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالغىلى بولىدۇ.
جۇڭگو قېرىلىقشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسىلى كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، پروفېسسور ليۇ جۇڭخۇ مەزكۇر بازىنىڭ باش تەتقىقاتچىسىلىققا تەكلىپ قىلىندى.
|