باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
كۆكتوقاي ناھىيىسى كانچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتماقتا
2008- 07- 18 11:53 شىنجاڭ گېزىتى

    كۆكتوقاي ناھىيىسى كانچىلىق كەسپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، كانچىلىقنى رۇدا سېتىشتىن يېرىم تەييار مەھسۇلاتلارنى سېتىشقا، كان مەھسۇلاتلىرىنى تۈجۈپىلەپ پىششىقلاپ ئىشلەشكە قاراپ راۋاجلاندۇردى.

   كۆكتوقاي ناھىيىسى بالدۇرلا قاتتىق قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇلتۇر كانچىلىقنىڭ شۇ جاينىڭ خەلق ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %80 كە يەتتى. قېزىلما بايلىق ئەۋزەللىكىنىڭ كانچىلىق ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، كۆكتوقاي ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى قارا قېزىلما بايلىقنى ئېچىشنى كۈچەيتىش، رەڭلىك مېتال بايلىقىنى ئېچىشنى راۋاجلاندۇرۇش، سەرخىل پىششىقلاش، مېتاللوئىدچىلىقنى ياخشى ئىشلەشتەك كانچىلىق تەرەققىيات يېڭى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   ھازىر، كۆكتوقاي ناھىيىسىدە كۆلەملەشكەن تۆمۈر كېنىدىن سەككىزى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹مېڭكۇ›› تۆمۈر كېنى ۋە ‹‹جىنباۋ›› كانچىلىقىنىڭ بۇلتۇرقى ساپ تۆمۈر ئۇۋىقى مەھسۇلات مىقدارى 800 مىڭ توننىدىن ئېشىپ كەتتى ھەم يىلىغا 1 مىليون 500 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ پولات – تۆمۈر ماتېرىياللىرى بازىسى بولۇش ئورنى يېقىنقى مەزگىلدە ئۆزگەرمەيدۇ.

   ئەلۋەتتە، ‹‹ماتېرىيال بازىسى›› بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. فۇجيەن ‹‹زىجىن›› كانچىلىقى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان كۆكتوقاي ‹‹ئالتۇنتاغ›› كان – مېتالچىلىق مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 1 – قارارلىق150Χ2  مىڭ توننىلىق بىۋاسىتە تۆمۈر ئوكسىدلاش تۈرى بۇلتۇر سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ 2 – قاراردا يەنە 600 مىڭ توننا كۆپەيتىش پىلانلىنىۋاتىدۇ. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ‹‹خۇڭتەي›› كانچىلىقىمۇ يىلىغا 300 مىڭ توننا بىۋاسىتە تۆمۈر ئوكسىدلاش تۈرىنى يولغا قويۇپ، كېلەر يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرمەكچى.

   ئوكسىدلانغان تۆمۈر بولسىلا ئالاھىدە پولات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھازىرلىنىدۇ. كۆكتوقاي ناھىيىسى 2006 – يىلىلا 2 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، چاڭشا مىتاللورگىيە، لايىھىلەش تەتقىقات ئورنىنى 500 مىڭ توننىلىق ئالاھىدە پولات تۈرى ئۈستىدە مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتىغا تەكلىپ قىلغان ئىدى. بۇلتۇر بۇ مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ، بۇ تۈرنى يولغا قويۇش ئىشى تېخىمۇ ئىلگىرىلىدى.

   رەڭلىك مېتال جەھەتلەردە، قاراتوڭكى مىس – نىكېل كېنى تۈرىدە ھازىر تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرى چىڭ تۇتۇلۇپ ئىشلىنىۋاتىدۇ، رۇدا ئېلىش كۆلىمى ئىلگىرىكى كۈنىگە 1000 توننىدىن كۈنىگە 5400 توننىغا ئۆستۈرۈلۈپلا قالماستىن، بۇ كارخانا يەنە 10 مىڭ توننىلىق نىكېل تاۋلاش تۈرىنىمۇ يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇ تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 3 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. ‹‹چيەنشىن›› كانچىلىقىمۇ رۇدا ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈنىگە 2000 توننىدىن 5000 توننىغا كېڭەيتىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىلىغا 100 مىڭ توننىلىق سىنك تاۋلاش تۈرىنى قۇرۇۋاتىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ