باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
زامانىۋى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئويلىغانلىرىم
2008- 07- 18 11:31 شىنجاڭ گېزىتى

 گۆھەرنىسا مەمەتئەيسا

   زامانىمىزدىكى نوپوزلۇق ئىلىم ئەھلىلىرى ھازىرقى ۋە كەلگۈسى زاماندىكى ھەقىقىي بايلىقنى ‹‹يېڭى پەن – تېخنىكا، ماتېرىيال ئىلمى ۋە ئۇچۇر››دىن ئىبارەت ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلاپ، ئۇنىڭ ئورنىنى قېزىلما بايلىقلار مەركەزلەشكەن يەر قاتلىمىدا بولماستىن، ئادەم مىڭىسىدە، دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى.

   مائارىپنىڭ مەقسىتى ساپ ئەقىل بىلەن مول بىلىم بىرلەشكەن ساغلام تەننى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتۇر، مائارىپنىڭ ئوبيېكتى –– ئادەم. مائارىپنىڭ خاراكتېرى–– ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشتۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مائارىپ جەريانى ئادەم تەربىيىلەش، مۇكەممەللىككە يۈزلەنگەن ئادەمنى يارىتىش، يەنى ئەڭ زور بايلىق يارىتىش جەريانىدۇر. بۇ ئۇلۇغ ئىشنى روناق تاپقۇزۇش، يۈكسەك پەللىگە يېتەكلەشتە مەكتەپ تەربىيىسى ئاچقۇچتۇر. مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زامانغا خاس ئاڭ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، مىللەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغان روھ ھازىرلاش بىلەن بىللە، يەنە زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش مۇھىمدۇر.

   دەرسنى زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق جانلاندۇرۇپ، ئوبرازلاشتۇرۇپ ئۆتكەندە، دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرغىلى، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە جەلپ قىلغىلى ھەم قىزىقتۇرغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ مەكتەپلەردە كومپيۇتېر دەرسى ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسخانىلاردا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرگە ئوقۇغۇچىلار خۇشال كىرىدۇ ھەم ئۇ دەرسلەرنى قىزىقىپ ئۆگىنىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، قىزىقىشنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى ئۇستاز، قىزىقىش –– ياخشى باشلىنىشتۇر، ياخشى باشلىنىشنىڭ ئۆزى يېرىم مۇۋەپپەقىيەتتۇر.

   توردىكى تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىپ تەجرىبە ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. پەن ساھەسىدىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەردىن كىچىك ئىلگىرىلەشلەرگىچە ھەممىسى دېگۈدەك تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. ئوقۇتۇش بىلەن ئۇزاق يىل شۇغۇللانغان پېشقەدەم مائارىپچىلار: ‹‹تەجرىبە –– ئوقۇتۇشنىڭ ھاياتى ۋە جېنى›› دەپ يەكۈن چىقارغان. ئەپسۇسكى، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رايونىمىزدىكى بەزى مەكتەپلەردە تەجرىبە ئىشلەشكە ئىمكانىيەت يوق، ئۇنداق مەكتەپلەردە ئىمتىھان مائارىپىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا دەرس يادلاتقۇزۇش ئۇسۇلى ھېلىھەم مەۋجۇت. شۇ سەۋەبتىن شۇ مەكتەپلەردىن ئالىي مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا تەجرىبە ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارى كەم بولۇۋاتىدۇ. تەلىيىمىزگە، بىز بۈگۈنكى كۈندە غايەت زور ئۇچۇر، بىلىم ئامبىرى ئىنتېرنىتتىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتېرنىت  ––  توردىكى تەجرىبىلەرگە ھەرىكەت، رەڭ، رەسىم، مۇزىكا كىرىشتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن پايدىلانغاندا، تەجرىبە ئوقۇتۇشىنى جانلاندۇرغىلى، ئوبرازلاشتۇرغىلى بولىدۇ. زامانىۋى ئوقۇتۇش قوراللىرىدىن پايدىلانغاندا، بىلىم يەتكۈزۈش جەريانىنى ئىلمىيلاشتۇرغىلى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا قۇلايلىق ياراتقىلى ھەم ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ. يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش قابىلىيىتى، تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرگىلى، جانلىق، قىزىقارلىق دەرسخانا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز، ساپانى ئۆستۈرىمىز دەيدىكەنمىز، زامانىۋى ئوقۇتۇش قوراللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشىمىز زۆرۈر.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ