|
ئابدۇراخمان قۇربان
‹‹قوش تىل››دا ئوقۇتۇش ئىككى خىل تىلدا ئوقۇتۇش بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹قوش تىل››دا ئوقۇتۇش ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا بەزى دەرسنى ئانا تىلىدا، بەزى دەرسنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈشنى كۆرسىتىدۇ. تارىخىي تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مىللەتلەرمۇ ئۆزئارا تىل ئۆگىنىپ، ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئورتاق تەرەققىي قىلغان. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹قوش تىل››دا ئوقۇتۇش ئەندىزىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يەسلى مائارىپىغىچە، شەھەر، بازاردىن چەت، يىراق يېزا – قىشلاقلارغىچە كېڭىيىپ، ‹‹قوش تىل››دا ئوقۇتۇش سىنىپلىرى 5000غا، ئوقۇغۇچىلىرى 150 مىڭغا يەتتى.
مېنىڭچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ‹‹قوش تىل››دا ئوقۇتۇشنىڭ مۇنداق رېئال ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرىيىتى بار:
(1) ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى، خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ كۈنسايىن ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىنىڭ ئورنىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. تولۇقسىز ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى 200دىن كۆپ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلغان. ب د ت نىڭ ئالتە خىل خىزمەت تىلىنىڭ بىرى بولغان خەنزۇ تىلى بارا – بارا ھەرقايسى ئەللەردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىزىقىپ ئۆگىنىدىغان تىلىغا ئايلاندى. خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشمۇ ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكە ئوخشاش خەلقئارالىق تىل ئۆگىنىش يۈزلىنىشىگە ئايلاندى. خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى(HSK)نىڭ خەلقئارالىشىش دەرىجىسىمۇ ئىنگلىز تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى(TOFEL )غا ئوخشاش كۈنسېرى ئۆسمەكتە، شۇڭا خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ‹‹قوش تىل››دا ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشتىن باشقا ئۈنۈملۈك يول يوق.
(2) ‹‹قوش تىل››دا ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشىشنىڭ ئېھتىياجى. ھازىرقى ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، رايونلار ئارا سودا ئالاقىسىنىڭ كېڭىيىشى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆپىيىشى تەبىئىي ھالدا تىل ئالاقىسىدە خەنزۇ تىلىنى ئاساس قىلىشتەك مۇقەررەرلىكنى بەلگىلىدى؛ خەنزۇ تىلى سانائەت، دېھقانچىلىق، ئۇچۇر ساھەلىرىگە قەدەر كەڭ قوللىنىلىۋاتقان تىل بولغاچقا، دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ خەنزۇ تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى تىل ئالاقىسى راۋان بولمىسا، مىللەتلەرنىڭ ئۆئارا ئۆگىنىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
(3) ‹‹قوش تىل››دا ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق. ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ تىلىنى پۇختا ئىگىلىگەندىلا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى يەنىمۇ كۆپەيتىش جەھەتلەردە تېخىمۇ ئەۋزەل ئىمكانىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
(4) ‹‹قوش تىل››دا ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئېلىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ كۆپىنىڭ ئۆز تىل – يېزىقى بار، بىر مىللەتكە نىسبەتەن، يەنە بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئىلغارلىق بولۇپلا قالماستىن، بىر خىل پەزىلەتتۇر، ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز تىلىنى پىششىق بىلگەندىن سىرت، ئۆز دۆلىتىدىكى ئورتاق تىلنى ياخشى ئىگىلىگەندە، مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئىناق تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلالايدۇ ۋە سىجىل تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.
|