|
قاغىلىق ناھىيىسى بۇ يىل يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا يۆتكەشنى چىڭ تۇتقانلىقتىن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشنى ئائىلە كىرىمىنى ئاشۈرۈشتىكى پۇرسەت دەپ بىلىدىغان دېھقانلار كۆپەيمەكتە.
بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا، قاغىلىق ناھىيىسىدىكى دېھقانلار ئەنئەنىۋى قاراشلار تۈپەيلىدىن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى نومۇس دەپ بىلىپ، يېزىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىش توغرىسىدىكى چاقىرىق ۋە تەشەببۇسلىرىنى رەت قىلىپ، قىلىدىغانغا ئىش، خەجلەيدىغانغا پۇل يوق كۈنلىرىنى سېرىقتال ئۆتكۈزۈپ كەلگەنىدى. ناھىيىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ‹‹دېھقانچىلىقتىن ھالقىپ دېھقانچىلىق قىلىش، يېزا ۋە ناھىيىدىن ھالقىپ سىرتقا يۈزلىنىش، بىر ئائىلىدىن بىر كىشى يىل بويى سىرتتا ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش››نى تەكىتلىدى. مۇشۇ ئاساستا، بۇ يىل 1 مىليون 850 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ناھىيە ۋە يېزىلاردا 296 قارار كۇرس ئېچىپ، 37مىڭ 291 ئېشىنچا ئەمگەكچى(قېتىم)نى سىياسەت، قانۇن، ئەخلاق، بىخەتەرلىك، خەنزۇ تىلى، ھۈنەر – كەسىپ، پەن – تېخنىكا قاتارلىق بىلىملەر بىلەن تەربىيىلىدى. ‹‹تۈمەن كىشىلىك پىدائىيلار ئەترىتى›› قۇرۇپ، سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەمگەكچىلەرگە ئازادە، بىخەتەر، كۆڭۈللۈك، ئىشەنچلىك ئەمگەك مۇھىتى يارىتىپ بەردى. 3 – ئاينىڭ باشلىرىدىن 5 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 1000 دىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەكچى چىڭداۋ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەرگە، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەكچى ئۈرۈمچى، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا يۆتكىلىپ ئىشلەپ، 49 مىليون 280 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن ھەر بىر ئەمگەكچىگە 1620 يۈەندىن توغرا كەلدى.
|