باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە
2008- 07- 18 10:58 شىنجاڭ گېزىتى

    24 – ئىيۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر – بازارلاردىكى كىرىمى يوق، قىيىنچىلىقى بار، ياشانغان ئاھالىلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ۋە شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قانۇن – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇشنى باشقۇرۇش تورى بەرپا قىلىش، ھەرىكەتچان باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ئارقىلىق شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكىتلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان ھەم بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

   ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتى 1998 – يىلى يولغا قويۇلغان. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ تۈزۈم تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى، باشقۇرۇش تەدرىجىي قېلىپلاشتى، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 250 مىڭ ئائىلە، 627 مىڭ كىشى شەھەر – بازار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

   1999 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ <شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر، يېزا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى›› قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ، شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىگە ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتتى؛ 2003 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتىلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالىنى ھەر ئايدا ئېلان قىلىش تۈزۈمى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتىلىرىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى،  تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى ئايدىن – ئايغا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتىلىرىنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەمگىكىگە قاتناشتۇرۇش تۈزۈمى، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمى، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش تۈزۈمى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تونۇشتۇرۇش تۈزۈمىنى تەسىس قىلدى ھەم تەدرىجىي قېلىپلاشتۇردى، ئۆزى ئىش تاپقان ياكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىنى  يېرىم يىل ئىچىدە تۇتۇپ قالماسلىق سىياسىتى، ئەمگەك كىرىمىنى ۋاقتىنچە ئائىلە كىرىمىگە كىرگۈزمەسلىك سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتىلىرىنىڭ كىرىش – چىقىشى ۋە ياردەم پۇلىنىڭ ئۆرلەش – تۆۋەنلىشىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تەسىس قىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، سىياسەت ۋە مەشغۇلاتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، پاناھلاندۇرۇش مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك قانات يېيىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

   جايلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى تۈرگە ئايرىپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەرلەردىكى ‹‹ئۈچ يوق خادىملار››نى كاپالەتلەندۈرۈش پۇلىدىن تولۇق بەھرلەندۈرگەندىن باشقا، ھەر ئايدا 25 يۈەن قوشۇپ تارقاتتى، ئالاھىدە سەۋەب بىلەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىنى ئالغاندىن كېيىنمۇ ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيىكتىلىرىغا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىنى قوشۇپ تارقىتىش ۋە ۋاقتىنچە پاناھلاندۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

   ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا – بازار، كوچا باشقارمىسى، مەھەللىدىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇشنى باشقۇرۇش تورى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ