باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئۆي–زېمىن خوجىلىقى شىركىتىدىكىلەرنىڭ ‹‹قېچىپ كېتىشى›› 2000دىن كۆپ كىشىنى زىيانغا ئۇچراتتى
2008- 07- 18 10:54 شىنجاڭ گېزىتى

   توردىشىم بىڭلياڭ 26 – ئىيۇن ‹‹ئولتۇراق رايونىمىزدىكى ئۆي – زىمىن خوجىلىق شىركىتىدىكىلەر تۇيۇقسىز ئۈن – تىنسىز كۆچۈپ كەتتى، ئىلگىرى تاپشۇرغان ئۆي – زېمىن خوجىلىقى ھەققى، توك، سۇ پۇللىرىنىڭمۇ ئىز – دېرىكى بولمىدى!››، ‹‹ھازىر ئولتۇراق رايونىمىزغا يەنە بىر ئۆي – مۈلۈك خوجىلىق شىركىتى كۆچۈپ كىردى، ئاڭلىساق، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ھېسابات بىلەن كارى بولمايدىكەن، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟›› دەپ ئۇچۇر ئەۋەتتى. ئۇ ئىنكاس قىلغان بۇ مەسىلە دىققىتىمنى تارتتى.

   بىڭلياڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋاڭجيالياڭ   2 – قارارلىق ئولتۇراق رايونىنىڭ 18 – بىناسىدا ئولتۇرىدۇ، ئۇ ئىنكاس قىلغان مەسىلە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ‹‹خۇڭيۈنشياڭ›› ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(تۆۋەندە ‹‹خۇڭيۈنشياڭ›› شىركىتى، دەپ ئېلىندى)گە چېتىلىدىكەن. بۇ ئۆي – زېمىن خوجىلىقى شىركىتى 2006 – يىلى 4 – ئايدىن باشلاپ ۋاڭجيالياڭ 2 – قارارلىق ئولتۇراق رايونىنىڭ ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرغانىكەن. ئەمما، 2008 – يىل 30 – ماي سەھەردە بۇ ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ئۆي – زېمىن خوجىلىقى شىركىتىدىكىلەرنىڭ تۇيۇقسىز كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ھەم ھېسابات، توك سېتىش سىستېمىسى ئۈسكۈنىسى ۋە ئىشخانا جابدۇقلىرىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ.

   26 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، ۋاڭجيالياڭ 2 – قارارلىق ئولتۇراق رايونىغا باردىم، ئۆي ئىگىلىرى كومىتىتىدىكى ليۇ مۇدىر مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ ئولتۇراق رايوندا جەمئىي 9 بىنا، 508 ئائىلە بار. ئولتۇراق رايوننى دەسلەپتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ‹‹ليەنجۈ›› ئۆي – زىمىن خوجىلىقى چەكلىك شىركىتى(تۆۋەندە ‹‹ليەنجۈ››شىركىتى دەپ ئېلىندى) باشقۇراتتى. 2006 – يىل 3 – ئاپرېل ‹‹ليەنجۈ›› شىركىتى بىلەن ‹‹خۇڭيۈنشياڭ›› شىركىتى ‹‹ئۈرۈمچى شەھەرلىك <ليەنجۈ> ئۆي – زىمىن خوجىلىقى باشقۇرۇش شىركىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمى››نى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپ ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرگە ‹‹ئۆتۈنۈپ بېرىش ھېساباتى ئېنىق، رەسمىيەتلەر تۇلۇق، قانۇنىي كۈچكە ئىگە، ھەقدارلىق – قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى ئېنىق، قالدۇق مەسىلىلەر يوق›› دەپ كاپالەت بەرگەن. 2007 – يىل 17 – مارت ‹‹خۇڭيۈنشياڭ›› شىركىتى يەنە  ئۆي ئىگىلىرى كومىتىتى بىلەن ‹‹ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلىش توختامى››نى ئىمزالىغان، ھاۋالە قىلىپ باشقۇرۇش مۇددىتى 2007 – يىل 1 – يانۋاردىن 2009 – يىل 1 – يانۋارغىچە بولغان.

  ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ئوبدان ئويلانغاندىن كېيىن مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يەتكەن.  ليۇ مۇدىر مۇنداق دېدى: ‹‹ئۆي – زېمىن خوجىلىقى شىركىتىدىكىلەر تۇيۇقسىز قېچىپ كەتتى، ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ! بىرىنچىسى، توك پۇلى مەسىلىسى، بۇ يىل 15 – ئاپرېلدىن 30 – مايغىچە، ئولتۇراق رايونىمىزدىكى ئاھالىلەر تاپشۇرغان 60مىڭ يۈەنگە يېقىن توك پۇلىنى ‹‹خۇڭيۈنشياڭ›› شىركىتى توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسىگە تاپشۇرمىغانىكەن، ھازىرغىچە توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئاھالىلەرنى توك پۇلى تاپشۇرۇشقا كۆپ قېتىم سۈيلىدى.

   ئىككىنچىسى، ئۆي بېزەش رەنى پۇلى مەسىلىسى. 2003 – يىلىدىن 2006 – يىل 4 – ئايغىچە، ئەينى چاغدىكى ‹‹ليەنجۈ›› شىركىتى ‹‹ئۆي بېزەشتە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش›› ئۈچۈن، ئولتۇراق رايوندىكى ھەر بىر ئۆي ئىگىسىدىن 500 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە جەمئىي 58مىڭ يۈەندىن كۆپ ئۆي بېزەش رەنى پۇلى ئالغانىدى. ئەمما ‹‹خۇڭيۈنشياڭ›› شىركىتى باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، بۇ پۇلنى ئېتىراپ قىلمىدى.››

   ليۇ مۇدىر يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹نەچچە كۈن ئىلگىرى، بەزى ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆي – زېمىن خوجىلىق ھەققىنى يىل ئاخىرىغىچە ئالدىن تاپشۇرۇپ بولغانلىقىنى، يەنە بەزىلەر ھەتتا كېلەر يىللىق ھەقنىمۇ تاپشۇرۇپ بولغانلىقىنى ئېيتىشتى. يېڭى ئۆي – زېمىن خوجىلىق شىركىتى ئولتۇراق رايونغا 25 – ئىيۇن رەسمىي كۆچۈپ كىردى. قارىغاندا، ئۆي – زېمىن خوجىلىق ھەققى جەھەتتىمۇ ماجىرا كۆرۈلىدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 17 – بىنانىڭ لېفىتى ئىككى يىلدىن بېرى رېمونت قىلىنمىدى ۋە ئاسرالمىدى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان جەرىمانە ۋە كېچىكتۈرۈش پۇلىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاھالىلەر ئەنسىرەۋاتقان مەسىلىلەر.››
30 – ماي ‹‹خۇڭيۈنشياڭ›› شىركىتىدىكىلەر تۇيۇقسىز ‹‹قېچىپ كەتكەن››دىن كېيىن، ئاھالىلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساييولى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بۇلاقتاغ قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – مۈلۈك ئىدارىسىنىڭ ئۆي – زېمىن خوجىلىق باشقۇرۇش باشقارمىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارغا كۆپ قېتىم بارغان بولسىمۇ، ئەمما مەسىلىلەر تېخىچە ھەل قىلىنماپتۇ.

   بۇ ئىش توغرىسىدا شىنجاڭ ‹‹جۇڭۋاڭ›› ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى ئادۋوكات ۋاڭ ۋېنلىدىن مەسلىھەت سورىدىم. ۋاڭ ۋېنلىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەق – تەلەپ ماجىراسى بولۇپ، كېڭىشىپ ھەل قىلىشقا بولىدىكەن، ئەگەر كېڭىشىش نەتىجىسىز بولسا، ھەق – تەلەپ دەۋاسى ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەككەن. ‹‹خۇڭيۈنشياڭ›› شىركىتى بىلەن ۋاڭجيالياڭ 2 – قارارلىق ئولتۇراق رايوننىڭ ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئىمزالىغان ئۆي – زېمىن خوجىلىقى باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلىش توختامىدا باشقۇرۇش مۇددىتى ئېنىق قىلىپ ئىككى يىل، دەپ بەلگىلەنگەن، ئەمما ئۆي – مۈلۈك خوجىلىقى شىركىتىدىكىلەر مۇلازىمەتنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇپ، توختامغا خىلاپلىق قىلغان، ئولتۇراق رايوندىكى ئۆي ئىگىلىرى توختامدا كېلىشكىنى بويىچە سوتقا ئەرز قىلىپ، ئالدىن تۆلىگەن ئۆي – زېمىن خوجىلىق ھەققى ۋە ۋاكالىتەن ئالغان سۇ، توك پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ھەم ئۆي – زېمىن خوجىلىق شىركىتىنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆي ئىگىلىرى ئالدىن تاپشۇرغان سۇ، توك پۇلىنى بىر تەرەپ قىلىشتا باشقا بىر خىل ئامالنى قوللانسىمۇ بولىدىكەن، يەنى ئۆي – زېمىن خوجىلىق شىركىتى ئۆي ئىگىلىرى ۋە سۇ، توك ئورۇنلىرى بىلەن ۋاكالىتەن ئېلىش، ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەچكە، ئۆي ئىگىلىرى ئەھۋالنى ئالاقىدار سۇ، توك ئورۇنلىرىغا ئىنكاس قىلسا، ئۇلار ئۆي – زېمىن خوجىلىق شىركىتىدىكىلەرنى ئىزدەپ ئېلىۋالسىمۇ بولىدىكەن.

   ھازىر ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرى قانۇنىي يول ئارقىلىق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىۋېتىپتۇ. گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىدۇ.       

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ