باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاغرىقلار ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرگە دىئاگنوز قويدۇرالايدىغان بولدى
2008- 07- 18 10:45 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنجاڭدىكى تۇنجى تور دوختۇرخانىسى  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا يىراق مۇساپىلىك مېدىتسىنا مەركىزىگە 27 – ئىيۇن ۋىۋىسكا ئېسىلدى. ئاغرىقلار نومۇر ئالمىسىمۇ، تور ئارقىلىق بەلگىلىك دىئاگنوز قويۇش ھەققى تاپشۇرسىلا، مۇتەخەسسىسلەرگە دىئاگنوز قويدۇرالايدۇ.

   شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ۋېن خاۋ مۇنداق دېدى: ‹‹يىراقتىن داۋالاشتا ئاغرىقلار دوختۇرخانا ئالمىشىپ دىئاگنوز قويدۇرۇش ئاۋارىچىلىكىدىن خالاس بولىدۇ، داۋالىنىش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، دىئاگنوز قويۇش قىيىن بولغان، ئېغىر كېسەللەر ئۈرۈمچى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرگە دىئاگنوز قويدۇرالايدۇ. ھازىر، شاڭخەي ‹‹رۇيجىن›› دوختۇرخانىسى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ‹‹خۇاشەن›› دوختۇرخانىسى ۋە سىچۇەن خۇاشى دوختۇرخانىسى توردا يىراقتىن دىئاگنوز قويۇشقا قاتناشقان، شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى  1 – دوختۇرخانىنىڭ يىراق مۇساپىلىك مېدىتسىنا مەركىزىگە كېلىپ، ئېكرانلىق مەسلىھەت سوراش سىستېمىسى ئارقىلىق يۇقىرىقى ئۈچ دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەرگە دىئاگنوز قويدۇرسا بولىدۇ.  شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك، بىڭتۇەندىكى شى دەرىجىلىك توققۇز دوختۇرخانا، ناھىيە دەرىجىلىك 13 دوختۇرخانىدىكى ئاغرىقلارمۇ داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىنىڭ تور پونكىتى ئارقىلىق يىراقتىن داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، بىڭتۇەندىكى شى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا ھەر قېتىملىق دىئاگنوز، مەسلىھەت سوراش ھەققى 80 يۈەن بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا 55يۈەن بولىدۇ، بېكىتىلگەن مۇتەخەسسىسنىڭ ھەققى ئەسلىدىكى مەسلىھەت سوراش ھەققىنىڭ بىر ھەسسىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

   ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئۇچۇرى تور دوختۇرخانىسىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، تور دوختۇرخانىسىدىكى خادىملار كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك تارىخى ۋە دىئاگنوز قويۇلۇش ئۇچۇرى قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللارنى رەتلەيدۇ ھەم مۇتەخەسسىسكە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، مۇتەخەسسىس 10 مىنۇت ئىچىدە تورغا چىقىپ، ئاغرىقتىن كېسەللىك تارىخى، ئالامەتلىرىنى سورايدۇ، داۋالاش جەريانىنى كۆزىتىدۇ ھەم ئاغرىقلارغا داۋالاش لايىھىسى بېكىتىپ بېرىدۇ.

   ئىگىلىشىمچە، تور دوختۇرخانىسى سىناق قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، 143 قېتىم يىراقتىن دىئاگنوز قويۇپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە غەربىي شىمالدىكى يەتتە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، شەھەر دوختۇرخانىلىرى بىلەن تورلىشىپ، يىراقتىن دىئاگنوز قويۇش مۇلازىمىتىنى ياخشىلايدىكەن.

   توردا دىئاگنوز قويۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن دوختۇرخانىلار: سانجى ئوبلاستلىق ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 1 – شىسى دوختۇرخانىسى، شىخەنزە شەھەرلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، شىخۇ شەھەرلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا، مايتاغ نېفىت خېمىيە دوختۇرخانىسى، ئىلى ئوبلاستلىق ‹‹دوستلۇق›› دوختۇرخانىسى، قاراقاش ناھىيىلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، قاغىلىق ناھىيىلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، كۇچا ناھىيىلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، غۇلجا ناھىيىلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، لوپنۇر ناھىيىلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، بۈگۈر ناھىيىلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، كۆكتوقاي ناھىيىلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، جىڭ ناھىيىلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، ساۋەن ناھىيىلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، مىچۇەن شەھەرلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، قۇتۇبى ناھىيىلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، ماناس ناھىيىلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى، جىمسار ناھىيىلىك ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى.   

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ