|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ بۈگۈن ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا ‹‹دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىرىنىڭ پاك – تەلەپچان بولۇشقا ئائىت <يەتتە تەلەپ> كە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى نىزامنامىسى> نى تەتبىقلاشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى›› نى ئېلان قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيىلىك رەھبەرلىرىنىڭ 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاك – تەلەپچان بولۇشقا ئائىت ‹‹يەتتە تەلەپ›› كە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا ‹‹پارتىيە ئىنتىزام چارىسى نىزامنامىسى››دىكى بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلاپ چارە كۆرۈشتىكى بىر قانچە مەسىلىگە نىسبەتەن ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان.
17 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىندا، دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئوخشاش كەسىپ تىجارىتى ياكى مۇناسىۋەتلىك سودا ئارقىلىق ئۆزى ياكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىشىگە، بىر – بىرىنىڭ خوتۇنى، پەرزەنتلىرى ۋە باشقا ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىنىڭ پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قۇلاي شارائىت بىلەن تەمىنلىشىگە، كارخانىنىڭ مۈلكىنى بىرىكتۈرۈش، ئىستراتېگىيىلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش داۋامىدا خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي پايدا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق قاتارلىق پاك – تەلەپچان بولۇشقا ئائىت ‹‹يەتتە تەلەپ›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ‹‹يەتتە تەلەپ›› كە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىۋاسىتە، تولۇق پاكىت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەخسۇس پارتىيە ئىنتىزام چارىسى بەلگىلىمىسى تۈزۈپ، ‹‹پارتىيە ئىنتىزام چارىسى نىزامنامىسى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا جازا ئۆلچەش خاراكتېرىنى توغرا بەلگىلەشكە قۇلايلىق ياراتتى.
‹‹ئىزاھات›› تا ‹‹يەتتە تەلەپ›› نىڭ مەزمۇنىغا زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن – بەلگىلىمىلىرىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەلەپلەرگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىنىش شەكلىگە كونكرېت مىسال كەلتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىيەت جەريانىدا كۆپ، ئاسان يۈز بېرىدىغان ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، تۈرلۈك تەلەپلەرگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا پارتىيە ئىنتىزام جازاسى بېرىشنىڭ پاكىتلىرى ئېنىق بەلگىلەندى.
|