|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئۈچۈن، ئېلىمىز مەملىكەت بويىچە ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاساسەن تاماملايدۇ، دېھقانلار قانۇنلۇق ئىشلىتىۋاتقان ئۆيلۈك يېرىنىڭ ھەممىسىگە كىنىشكا تارقىتىدۇ.
مۇخبىرنىڭ بۈگۈن دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى›› نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ئۆيلۈك يەرلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى، ھازىرقى ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتى ئاساسىدا خىزمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاساسەن تاماملاپ ۋە ھوقۇق تەۋەلىكى ماجىرالىرىنى ئاساسەن ھەل قىلىپ، دېھقانلار قانۇنلۇق ئىشلىتىۋاتقان ئۆيلۈك يەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە كىنىشكا تارقىتىشنى تەلەپ قىلغان.
دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تىزىملاش – يېزىلاردىكى نۇرغۇن ئائىلىگە، دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ، ئۇ يېزىلاردىكى ئۆيلۈك يەرلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، كوللېكتىپ يېرىنى ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە يەرنى بىر تۇتاش تىزىملاشنىڭ مۇھىم ئاساسى ھەم كاپالىتى. ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تىزىملاش ئارقىلىق يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك قېلىپلاشتۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى قالايمىقان ئىگىلىۋېلىشنى توسۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغدىغىلى بولىدۇ.
|