باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ يەر بايلىقىنى ئېچىش، رەتلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھىسى›› نى ئېلان قىلدى
2008- 07- 17 15:36 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ 7 مىليون مو يېرىنى ئېچىپ، رەتلەپ، يەر بايلىقىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ يەر بايلىقىنى ئېچىش، رەتلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھىسى›› نى ئېلان قىلدى.

  ‹‹لايىھە›› دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، شورلىشىپ كەتكەن يەرلەرنى رەتلەش بىلەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، سۇغا قاراپ يەر بەلگىلەش، سۇ بىلەن يەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش پرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش، يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش ئارقىلىق،  ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى قۇرۇلۇش رايونىدىكى يەرلەرنى ئېچىش، رەتلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ 7 مىليون مو يېرىنى ئېچىش، رەتلەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شۇ يەرنىڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى، زىرائەت مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ.

 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ