|
ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئالدىنقى يېرىم يىلدا 950مىڭ ئادەم/قېتىم يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىللىق نىشاننىڭ%79 تىنى ئورۇنداپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 44 مىڭ ئادەم/قېتىم ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ‹‹باھار شامىلى ھەرىكىتى››، ‹‹پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئادەم تەكلىپ قىلىش ھەپتىلىكى›› قاتارلىق پائالىيەتلەر چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغان دېھقان ئىشلامچىلەرنى ئىش ئورنى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن. ئىيۇلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى يىللىق يەتمەكچى بولغان نىشاننىڭ %50 ىدىن يۇقىرى بولغان. ئائىلىسىدە بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئائىلىلەردىن 15مىڭ 396 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايون نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ بولغان يېزا بازارلاردا ئەمگەك كۈچلىرى بازىرى قۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرى بازىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى كۆلەملىك ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللەيدىكەن.
|