باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا خەۋەرلەر
2008- 07- 17 15:25 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ·دۇنيا بانكىسىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كاسپى دېڭىزى رايونى ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى پامېرا كوكىس يېقىندا پىرۇدا ئۆتكۈزۈلگەن لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش خەلقئارا يىغىنىدا ‹‹لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك››دېدى.

     ·ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئاللا پارتىيىسى 16 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، ئىسرائىلىيە–لىۋان چېگرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى.

     ·چاۋشيەندە چىقىدىغان ‹‹ئەمگەك خەۋەرلىرى››گېزىتى 16 – ئىيۇل ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا ئۆز– ئارا ئىشىنىش ھاسىل قىلىدىغان ۋە تىنچ بولغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىدىغان مەزگىل بولۇشى كېرەك ئىدى. ئامېرىكا ئۆز– ئارا ئىشىنىش ھاسىل قىلىش ۋە تىنچ بولغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشكە مۇخالىپ ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ›› .  

     ·سرىلانكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 16– ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹تۈنۈگۈن ، سرىلانكا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ بولغان تامىل ئىسلام يولۋاس تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي قىسىمغا جايلاشقان ماننار رايونىدا تەسىس قىلغان بازىسىنى تارمار قىلدى›› .

     ·كېنىيىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 16 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ يەنە بىر ياللانما خادىمى سومالىدىكى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قوراللىق خادىملار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

     ·يېڭى زىلاندىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 6–ئايغىچە بولغان 12 ئاي ۋاقىت ئىچىدە، يېڭى زىلاندىيىدىكى يېمەكلىك باھاسى %8.2 ئۆرلەپ، 18 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى ياراتقان.

     ·فرانسىيە تاموژنىسىنىڭ تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، فرانسىيە تاموژنا خادىملىرى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق زەھەر تازىلاش ھەرىكىتىدە 2.4 توننا نەشىنى قولغا چۈشۈرگەن.

     .ماۋرىتانىيە ئاخبارات ئاگىنتلىقىنىڭ 16 – ئىيۇل خەۋىرىگە قارىغاندا، ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللاھ زۇڭلى ۋاگېف باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن.

      .ۋېيتنامدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 16– ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ۋېيتنامنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان خاگياڭ ئۆلكىسىدە گۇمانىي كۆيدۈرگە يۇقۇمى پەيدا بولۇپ، 1 ئادەم ئۆلگەن، 13 ئادەمدە گۇمانىي كۆيدۈرگە يۇقۇمى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ