|
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، ئاپپارات، شتاتلارنى ھەقىقىي ئىسمىنى قوللىنىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى يېڭىدىن كەسپىي شتات كۆپەيتىشكە، يېڭىدىن مەمۇرىي شتات بىلەن كەسپىي شتاتنىڭ ئارىلىشىپ كېتىش مەسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ.
16 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاپپارات، شتات كومىتېتى ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئاپپارات، شتاتلارنى ھەقىقىي ئىسمىنى قوللىنىپ باشقۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇردى.
بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئايرىم ھالدا 14 نازارەت، ئىدارە، بەش ۋىلايەت ئوبلاستتا ئاپپارات، شتاتلارنى ھەقىقىي ئىسمىنى قوللىنىپ باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇردى. بۇ يىل 6 – ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاپپارات، شتات كومىتېتى ئىشخانىسى جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ ئىككى رايوندا ئاپپارات، شتاتلارنى ھەقىقىي ئىسمىنى قولىنىپ باشقۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇردى. كۇرسانتلارغا ئاپپارات، شتاتلارنى ھەقىقىي ئىسمىنى قوللىنىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرى سىستېمىسى مەشغۇلات تەرتىپى ۋە ئاساسىي ئۇسسۇلىنى پىششىق ئىگىلىتىش ئۈچۈن، 7 – ئايدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئاپپارات، شتاتلارنى ھەقىقىي ئىسمىنى قوللىنىپ باشقۇرۇش بويىچە ئۈچ قارار تەربىيىلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرىدۇ.
تەربىيىلەش كۇرسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاپپارات، شتات كومىتېتى ئىشخانىسى ھەر دەرىجىلىك ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن ئاپپارات، شتات تارماقلىرى بېكىتىپ بەرگەن ئاپپارات، شىتات ۋە قۇرۇلما نىسبىتى بويىچە، ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىش، خىزمەت ئورنىدىكى شتاتلىق خادىملارنىڭ ئەھۋالى ۋە شتات، رەھبەرلەرنىڭ سانى، ئەمەلىي بار خادىملارنىڭ ئەھۋالىنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇش ۋە چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىشنى، شتاتى ئېشىپ كەتكەن ئورۇنلاردا ئاۋۋال خادىملارنى تىزىملاشنى، شتاتلىق ياكى شتاتسىزلارنى ۋاقتىنچە ئايرىماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
|