|
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت ياۋروپا – ئاسىيا بايلىق مەنبەسى گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بېت ئېخلانس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ياۋروپا – ئاسىيا بايلىق مەنبەسى گۇرۇھى— خەلقئارادىكى كان بايلىقلىرىنى ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۆلەت ھالقىغان كارخانا گۇرۇھى بولۇپ، بېت ئېخلانس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىشتىكى مەقسىدى— تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيىسىكى تەيخاڭ تۆمۈر بىرىكمىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىسىدا كېڭىشىش ھەمدە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.
كۆرۈشۈشتە، كۈرەش مەخسۇت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز بايلىق مەنبەسى ۋە جۇغراپىيە جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىچە سانائەتلىشىشنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت ئىناق ۋە مۇقىم بولغان تېز تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويدى. ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئەمەلىي كۈچكە ئىگە كارخانىلارنى ئاپتونوم رايونغا مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز ياۋروپا – ئاسىيا بايلىق مەنبەسى گۇرۇھىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەرەققىياتىنى ئەلا مۇلازىمەت ۋە ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
|