|
يېقىندا ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئورمان–ئوتلاقلارنى ئوتتىن مۇداپىئە قىلىش قوماندانلىق مەركىزى شۈيشىگو بازىرىدا ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى .
ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچىدىكى ئورمان كۆلىمى 62 مىڭ 477 گېكتار بولۇپ ، ئاساسلىق چوڭ ئورمانچىلىق مەيدانلىرىدىن مىچۈەن ئورمانلىقى ، سەيۋوپو ئورمانلىقى ، بەنفاڭگو ئورمانلىقى ، جەنۇبىي تاغ ئورمانلىقى ، 1–ئاۋغۇست ئورمانلىقى قاتارلىقلار بار .
ھەر يىلى 4–ئايدىن 6–ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئۈرۈمچىنىڭ ئورمانلارنى ئوتتىن مۇداپىئە قىلىش مەزگىلى بولۇپ ، 7–ئايدىن 9–ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ خەتەرلىك پەسلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
|