|
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى تېز، ساغلام راۋاجلاندى، يېزا ئىگىلىكىدە تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، سانائەتتە داۋاملىق بىر قەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاپ قېلىندى، مەبلەغ، ئىستېمال، ئېكسپورت قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈردە ئېھتىياج زور دەرىجىدە ئاشتى. دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى %11 ئەتراپىدا ئاشقان.
بۇ يىل يازلىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 4 مىليون 940 مىڭ توننىغا يېتىپ، %30 ئېشىپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى سىجىل، تېز راۋاجلاندى، ئۇنىڭ ئىچىدە، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلات مىقدارى 802 مىڭ توننىغا يېتىپ، %6.5 ئاشتى؛ كالا سۈتى مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 9 مىڭ توننىغا يېتىپ، %11.5 ئاشتى.
ئۈستۈنلۈككە ئىگە بايلىقلارنى ئېچىپ ۋە پىششىقلاپ ئىشلەپ ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يەرلىك سانائەت تېز راۋاجلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇردى. 225 خىل ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە، %50 تىن كۆپرەك مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارى ئاشتى، تەبىئىي گاز، تاش كۆمۈر، پولات ماتېرىياللىرى، ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكلەر قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارىمۇ بىر قەدەر زور ھەجىمدە ئاشتى.
ئىمپورت – ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 890 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %92.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇندا تۇردى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى 1996 – يىلىدىن بۇيانقى يۇقىرى، يېڭى نۇقتىغا يەتتى، شەھەر، يېزا ئىستېمال بۇيۇملىرى بازارلىرى تېز راۋاجلاندى، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ۋە ئاپتوموبىل تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولدى، 5 – ئايدىن بۇيان، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇملىرى تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى.
|