باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
لى كېچياڭ ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاڭتيەن كېيې بىلەن كۆرۈشتى
2008- 07- 17 12:55 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 16 – ئىيۇل خەلق سارىيىدا ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاڭتيەن كېيې بىلەن كۆرۈشتى. 

      لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو – ياپونىيە تىنچىلىق، دوستلۇق شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالانغانلىقىغا 30 يىل بولدى، جۇڭگو– ياپونىيە مۇناسىۋىتى يەنىمۇ راۋاجلىنىشتەك يېڭى پۇرسەتكە دۈچ كەلدى؛ باش شۇجى خۇ جىنتاۋ يېقىندا ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغان ھەمدە ياپونىيىگە بېرىپ يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە، ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا كەڭ كۆلەمدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو – ياپونىيىنىڭ ستراتېگىيىلىك بىرى –بىرىگە نەپ يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك ، ئىككى دۆلەت پارتىيىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى بىر – بىرىگە نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو –ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ