|

مەملىكەتلىك كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتى يىغىنى 16 – ئىيۇل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتى — كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق، ستراتېگىيىلىك قۇرۇلۇش، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيىنى داۋاملىق ئازاد قىلىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەپ، كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىدە زور يۈكسىلىش ھاسىل قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى تىرىشىپ كۈچلۈك ئىدىيە - سىياسىي كاپالەت، ئىختىساس ئىگىلىرى كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك.
|