|

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو 16 –ئىيۇل خەلق سارىيىدا موزامبىك پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مۇلۇنبۇۋى بىلەن كۆرۈشتى.
ۋۇ باڭگو مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، سودا ئىشلىرى تېز راۋاجلاندى، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئاستىدا قانات يايدۇرۇلغان ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، پارتىيىلەر، قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئالماشتۇرۇش كۈنسېرى كۈچەيتىلدى، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، جۇڭگو بۇ دوستلۇقنى قەدىرلەپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – موزامبىك ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ .
|