باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ياپونىيە–كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئارال تالاش–تارتىشى يەنە كۆتۈرۈلدى
2008- 07- 17 12:47 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     مۇشۇ ئاينىڭ 14– كۈنى كورىيە تەرەپ ياپونىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى پەن–تېخنىكا ۋازارىتىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكى يېتەكچى قوللانمىسىدا تاكېشىما ئارىلى ياپونىيىنىڭ زېمىنى دەپ بايان قىلغانلىقىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى.

     كورىيە ئەمەلدارى، ياپونىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ، دېدى. ياپونىيە تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ سوغۇق قان بولۇشىنى مۇراجەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىش توغرىسىدا ئوغىسى قايناپ تۇرغان كورىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدى. 

     تاكېشىما ئارىلى كورىيىنىڭ ئۇللۇنگ– دو ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا 70 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، كورىيە تەرەپ دوكدو ئارىلى دەپ ئاتايدۇ، كۆلۈمى 0.18 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كورىيە–ياپونىيە ئىككىلا تەرەپ بۇ ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، نۆۋەتتە بۇ ئارالنى ئەمەلىي كونترول قىلىش ھوقۇقى كورىيىنىڭ قولىدا بولۇپ، كورىيىنىڭ گارنىزون قىسىملىرى بۇ ئارالدا دائىملىق تۇرىدۇ. ئارالدا كورىيە تەرەپ ياسىغان ماياك، قاراۋۇلخانا ۋە پورت قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مۇشۇ ئارال سەۋەبلىك كۆپ قېتىم تالاش–تارتىش يۈز بەردى. كورىيىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىدە ھەتتا ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىش، بارمىقىنى ئۈزۈۋېتىپ قارشىلىق بىلدۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن.

     ياپونىيەنىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك يېتەكچى قوللانمىسى 2012– يىلىدىن باشلاپ دەرىسلىك ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. يېتەكچى قوللانمىدا بۇ ئارال ياپونىيە زېمىنى دېيىلگەن، ئەمما ياپونىيە–كورىيە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈستىدە تالاش–تارتىش بارلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. ياپونىيە كيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ياپونىيىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىك يېتەكچى قوللانمىسىغا بۇنداق مەزمۇننى كىرگۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن.  

     ياپونىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى پەن–تېخنىكا ۋازارىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: يېتەكچى قوللانما ئوقۇتقۇچى ۋە دەرىسلىك نەشرىياتچىلىرىغا قارىتىلغان، مەجبۇرىي خاراكتېرلىك چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە دەرسلىكنىڭ مەزمۇنىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن.

     ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە، 14 نەشرىياتچى  ئىچىدىكى 4 نەشىرياتچى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي پەن دەرىسلىكىدە بۇ ئارالنى تىلغا ئالغان، مۆلچەرلىنىشىچە ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكى يېتەكچى قوللانمىسىدىكى بۇ ئارالغا ئالاقىدار چۈشەندۈرۈش تېخىمۇ كۆپ نەشرىياتچىنىڭ بۇ ئارالنى تىلغا ئېلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

     ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى نوبۇتاكا ماچىمۇرا مۇنداق دېدى: كۆپلىگەن كىشىلەر، بۇ ئارال توغرىسىدىكى ئەمەلىيەتنى بالىلارغا ئومۇميۈزلۈك ئوقتۇرۇپ، ياپونىيە زېمىنى ۋە تېرىتورىيىسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    ياپونىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ كورىيىدە نارازىلىق بىلدۈرۈش دولقۇنىنى قوزغايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن نوبۇتاكا ماچىمۇرا مۇنداق دېدى: كورىيە ياپونىيىنىڭ مۇھىم قوشنىسى، ھەر بىر ئىشنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

     بۇ خەۋەر كورىيىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، كورىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. كورىيە زۇڭتۇڭى لىم يۇڭباك ھۆكۈمەتكە ياپونىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە‹‹جىددىي قاراش›› بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. كورىيە زۇڭتۇڭىنىڭ باياناتچىسى لىدوڭگۈەن لىميۇڭ باكنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: كورىيە تەرەپ ياپونىيە تەرەپنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندى ۋە ئۈمىدسىزلەندى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى يېقىندا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى كۆرۈشۈپ ھاسىل قىلغان كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئورتاق تونۇشىنى يوققا چىقاردى، دېدى. كورىيە ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى ۋاقتىنچە قايتۇرۇپ كېلىش ئارقىلىق ئېتىراز بىلدۈرۈشنى قارار قىلدى، دىپلوماتىيە، سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى ليۇمىڭخېڭ ياپونىيىنىڭ كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ئېتىزارنامە سۇنماقچى بولدى. كورىيە زۇڭتۇڭىنىڭ باياناتچىسى لىدوڭگۈەن مۇنداق دېدى: تاكېشىما ئارىلى تارىخىي ياكى جۇغراپىيە جەھەتتە بولسۇن شۇنداقلا خەلقارا قانۇنغا ئاساسەن بولسۇن كورىيىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئۇنىڭ كورىيە زېمىدىكى ئورنىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ.

    دىپلوماتىيە، سودا مىنىستىرلىكىنىڭ بىر باياناتچىسى تېلېۋىزىيە سۆزىدە، ياپونىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، كورىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، دېدى.   

      كورىيە پارلامېنتىنىڭ تەخمىنەن 40 قا يېقىن ئەزاسى شۇ كۈنى تاكېشىما ئارىلىغا بېرىپ ياپونىيىنىڭ ھەرىكىتىگە ئېتىراز بىلدۈردى. بىر پارلامېنت ئەزاسى، ياپونىيە تەرەپ مەڭگۈ كەچۈرگىلى بولمايدىغان خاتالىق ئۆتكۈزدى، دېدى.

    ئېتىراز بىلدۈرۈشتىن سىرت، كورىيە يەنە بىر يۈرۈش كونكرېت تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەييارلىدى.

     كورىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئاخبارات ۋاستىسىغا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياپونىيىنىڭ تاكېشىما ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئىككى تەرەپ ئىلگىرى ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ، بۇ كىشىنى چوڭقۇر ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. تاكېشىما ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىگە چېتىلغانلىقتىن، ھۆكۈمىتىمىزمۇ كۈچلۈك ماس تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلدى. كورىيە تەرەپ دىپلوماتىيە، ئىلىم، مەمۇرىي ساھەدە كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تاكېشىما ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بولغان كونتروللىقىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

     كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ئەمەلدارنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلماي، ئۇنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: كورىيىنىڭ دىپلوماتىيە، سودا مىنىستىرلىكى كۆپ خىل دىپلوماتىيە يوللىرى ئارقىلىق توكيوغا كورىيە خەلقىنىڭ ياپونىيىنىڭ بۇ قىلمىشىغا بولغان غەزىپىنى يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا دىپلوماتىيە جەھەتتە يېڭى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ خەلقئارادا ياپونىيىنىڭ چاۋشيەن ئارىلىغا تاجاۋۇزچىلىق قىلغان تارىخنى تەشۋىق قىلىدۇ.

     بۇ قارشى تەدبىرلەردىن سىرت، كورىيىنىڭ ھۆكۈمەت تارمىقى يەنە تاكېشىما ئارىلىنىڭ ئەتىراپىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە ئېكولوگىيە سىستېمىسى، بايلىق ۋە دېڭىز–ئوكيان مۇھىتى قاتارلىقلارغا قارىتا ئىلمىي تەكشۈرۈش، تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: كورىيە مائارىپ، پەن–تېخنىكا مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى ياپونىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ پەن–تېخنىكا ۋەزىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش خېتى ئېۋەتىدۇ، كورىيە ساقچى نازارىتى ئارالدا تۇرۇشلۇق گارنىزون قىسمىغا مۇداپىئەنى كۈچەيتىش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ.   
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ