|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا ، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇ بىلەن تەمىنلەش ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئاممىۋى ئىشلارنىڭ باھاسى ، سەيلى ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ بېلەت باھاسى ۋە پۈتۈن شەھەردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ، ياتاق ھەققى ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى بىردەك ئۆستۈرمەيدىغانلىقى ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق ئاشلىق زاپىسىنى يەنە 30 مىڭ توننا ئاشۇرۇپ ، شەھەر دەرىجىلىك زاپاس ئاشلىق مىقدارىنى 60 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ ، ئاشلىق ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ ۋە ئۆكسۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى .
|