|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۆسىيىن مەمىتىمىن ، ئەسقەرجان تۇرسۇن خەۋىرى ، فوتوسى :يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ توپلۇق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 2007–يىلىدىن بۇيان دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ، يېزىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمسىنى تەڭشەشكە بىرلەشتۈرۈپ ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ، ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشتە تېز ئۈنۈم بېرىدىغان كەسىپ ۋە سىنىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەسىس قىلىپ ، يېزا ئىگىلىك ئۈچۈن كۆپلەپ ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەپ بەردى.
يېزىلىق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ كەسپىي–تېخنىكا مائارىپىنىڭ يەنىمۇ زورىيشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتى–ۋاقتىدا ھەل قىلىپ ، كەسپىي–تېخنىكا مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئۇل سالدى ؛ يېزىنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرلەرمۇ كەسپىي مائارىپ خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە ، بۇ خىزمەتكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆزىنىڭ يىللىق خىزمىتىنىڭ چوڭ ۋە مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ ، قەرەللىك ، قەرەلسىز ھالدا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھەرقايسى كەسپىي سىنىپلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بىر قىسىم سىنىپلارنىڭ كەسپىي مائارىپ خىزمىتىنى يولغا قويۇشتا يولۇققان قىينچىلىقلىرىنى نەق مەيداندىلا ھەل قىلىپ بەردى . يېزىدىكى يېزا ئىگىلىك ، ئورمانچىلىق ، چارۋىچىلىق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارمۇ ئوقۇتقۇچى ۋە پەن –تېخنىكا جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن قوللىدى ۋە ئەمەلىي ياردەملەرنى بەردى ؛ 20 (ئادەم قېتىم) دىن ئارتۇق كەسپىي خادىمنى كەسپىي سىنىپلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەم دەرس ئۆتۈشكە ئەۋەتىپ بەردى ؛ كەسپىي سىنىپلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، ئۆز يېزىسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان كەسپىي سىنىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ، تەسس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئادەم كۈچى ، ماددىي كۈچ ۋە كەسپىي سىنىپلارنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ بېرىش ، پراكتىكا بازىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن ياردەم بەردى. يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ يېزىنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى ماكرولۇق باشقۇرۇشقا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ ، كەسىپلەرنىڭ تەسس قىلىنىشىنى تەڭشەپ ، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان تەربىيىلەش ، سەپلەش ، باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتتى ؛ مەكتەپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ ، كەسپىي سىنىپلارنىڭ پەن–مەدەنىيەت ئوقۇش ۋە تېخنىكا دەرس ئوقۇتۇشىغا بولغان يېتەكچىلىك قىلىشنى ئالاھىدە كۈچەيتتى.
بۇلتۇر 10–ئايدىن بۇ يىل 7–ئاينىڭ ئاخىرىلىرىغىچە يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ياغاچچىلىق ، تىككۈچىلىك ، ھۆسىن تۈزەش ، كەشتىچىلىك ، كېگىز توقۇش ، قاپاققا گۈل ئويۇش بېزەكچىلىكى ، ئاشپەزلىك ، رېمونتچىلىق قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق كەسىپ ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى ھۈنەر–سەنئەت تۈرى بويىچە كەسپىي سىنىپلارنى تەسس قىلىپ ، 300 دىن ئارتۇق ئىختىساسلىق خادىمنى تەربىيىلەپ ، جەمئىيەتنىڭ ، ئاتا –ئانىلارنىڭ يۈكىنى زور دەرىجىدە يەڭگىللەتتى.

قاپاق بېزەكچىلىك سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قاپاققا گۈل ئويۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەنمەكتە

كېگىز توقۇش كەسپى سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار كېگىزگە گۈل چاپلىماقتا
|