|

15–ئىيۇل ، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىننىڭ ۋېرموستوف رايونىدا ، 2–دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پارتىلىماي قالغان 500كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى بىر بومبا بايقالغان .
يەرلىك ساقچى دائىرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئەنگلىيىنىڭ بۇ بومبىسى بېرلىن شەھىرىنىڭ ۋېرموستوف رايونىدىكى ئاھالىلەر رايونىدىن بايقالغان . بومبا بايقالغاندىن كېيىن تەخمىنەن 5000 دىن ئارتۇق ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان ، ئاندىن بومبا چۇۋۇش مۇتەخەسسىسلىرى قۇرۇلۇش خادىملىرىغا بومبىنى كولاتقۇزۇپ چىقىرىپ ، يېقىن ئەتراپتىكى بىر باغچىغا يۆتكەپ ، بومبىنىڭ پارتلاتقۇچىنى چۇۋۇپ ئېلىۋەتكەن .


|