باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
خوتەن ناھىيىسىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹ئىناقلىق ساياھىتى›› بېيجىڭ يازلىق لاگېرى پائالىيىتى باشلاندى
2008- 07- 16 10:18 تەڭرىتاغ تورى

    

خىزمەتچى خادىملار ۋوگزالدا خوتەندىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئالماقتا

     15 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ناھىيىسىدىكى 200 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى– ئوقۇغۇچىلىرى  T70 –نۆۋەتلىك يولۇچىلار پويىزى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ ، خوتەن ناھىيسىىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹ئىناقلىق ساياھىتى›› بېيجىڭ يازلىق لاگېرى پائالىيىتىنى باشلىدى .

      خوتەندىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى – ئوقۇچىلار مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خوشال ھالدا بەس – بەستە يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىشىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى : ‹‹بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم پويىزغا ئولتۇرۇشۇم ، تۇنجى قېتىم بېيجىڭغا كېلىشىم ، تۇنجى قېتىم خوتەندىن سىرتلارغا چىقىشىم...›› ؛ ‹‹ تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىزنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى ، ئو ت م نىڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيدىغان بولدۇق !›› ؛ ‹‹تۆمۈر يول مىنىستىرلىكىدىكى رەھبەرلەر ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ، ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ، مەخسۇس بىزنى قارشى ئالغىلى خوتەنگە كەلدى ، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندۇق ›› ؛‹‹ مەن بۇ يەردىكى بارلىق ئىشلارنى خاتىرلىۋېلىپ ، يۇرتۇمغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن باشقا ساۋاقداشلىرىمغا ئېيتىپ بېرىمەن ›› .

تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تۆمۈريول باش ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى گو يىمىن ۋە تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تۇڭ لىجۈن پويىز ئىستانسىسىغا خوتەندىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئېلىشقا چىقتى

      ئىگىلىنىشچە ، 2002 – يىلى ، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ناھىيىسىدىكى لايقا يېزىسى ، تۇساللا يېزىسى ۋە لاڭرۇ يېزىسى تۆمۈريول مىنىستىرلىكى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان رايون قىلىپ بېكىتىلگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ ، تۆمۈريول بۇ جايلار بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەن . بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تۆمۈريول مىنىستىرى ليۇ جىجۈن تۆمۈر يول مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن قۇرۇلغان خوتەن ناھىيىلىك لايقا يېزىسى تۆمۈر يول ئوتتۇرا مەكتىپىنى كۆزدىن كەچۈرگىلى كېلىپ ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا ، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ خوتەندىن چىقىپ باقمىغانلىقىنى ئاڭلاپ ، شۇئان تۆمۈر يول مىنىستىرلىكىنىڭ مەسئۇللىقىدا ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ، بېيجىڭغا ئېكىسكۇرسىيىگە بېرىپ ، پايتەخت بېيجىڭنى ساياھەت قىلىپ ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىدىن بەھرىمان بولۇش تەكلىپىنى بەرگەن . 12 – ئىيۇل تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خوتەن ناھىيىسىدىكى 200 نەپەر ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى خوتەن ناھىيىسىدىن يولغا چىقىپ ، 15 – ئىيۇل بېيجىڭغا كەلدى .

خوتەندىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار پويىزدىن چۈشمەكتە

      خوتەن ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇ جيەنشىن  مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : ‹‹بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تۆمۈريول مىنىستىرلىكى خوتەن ناھىيىسىگە 46 مىليون يۈەندىن ئارتۇق نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى سېلىپ ، بىر تۈركۈم نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى . تۆمۈريول مىنىستىرلىكى تەشكىللىگەن نامراتلارنى يۆلەش ھەركىتى خوتەن ناھىيىسىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى ››.

 خوتەندىن كەلگەن 200 نەپەر ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى بېيجىڭغا كەلدى

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ