باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى تيانشان رايونى 50 مىليون يۈەن سەرپ قىلىپ ، مەھەللە مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ
2008- 07- 16 16:19 تەڭرىتاغ تورى

      15–ئىيۇل ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات–ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەھەللە مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى لايىھىسى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونىدىكى 13 مەھەللە مۇلازىمىتى مەركىزى ، 52 مەھەللە مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ لايىھىلەش ۋە تۈزۈش خىزمىتى تاماملاندى .

       مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ تۈرگە 49 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزدىن ئاجرىتىلغان مەبلەغ 29 مىليون 600 مىڭ يۈەن ، يەرلىكتىن ئاجرىتىلغان مەبلەغ 20 مىليون 200 مىڭ يۈەن ئىكەن .

      مەھەللە مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى مەھەللە مۇلازىمىتى تۈرلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى مۇلازىمەت سورۇنى بىلەن تەمىنلەيدىغان قۇرۇلۇش ۋە ئەسۋابلارنى كۆرسىتىدۇ . تيانشان رايونى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ، تيانشان رايونىدا 14 مەھەللە باشقارمىسى بار بولۇپ ، ئۆتكەن يىلى شىنخۇا شىمالىي يولىدا قۇرۇلغان مۇلازىمەت مەركىزىدىن باشقا ، قالغان كوچىلاردا تېخى مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلمىغان . بۇ تۈر قۇرۇلغاندىن كېيىن ، تۈرلۈك مەھەللە مۇلازىمەتلىرى ياخشىلىنىش بىلەن بىرگە ، 52 مەھەللىدىكى 100 نەچچە مىڭ ئائىلىگە ھەقىقى نەپ يەتكۈزۈلىدىكەن .                     

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ