باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەملىكەت خەۋەرلىرى
2008- 07- 16 12:48 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     .دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ پىڭ 15 – ئىيۇل مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىز ئىقتىسادىي مۇقىم ۋە تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىدى،  ئېشىش سۈرئىتىدە بىر ئاز تۆۋەنلەش بولغان بولسىمۇ، يەنىلا نورمال دائىرىدە تۇرماقتا›› .

  ·پارتىيە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا  <<دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ پاك – تەلەپچان بولۇشتىكى‹‹7 تۈرلۈك تەلەپ›› كە <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىنتىزام چارىسى نىزامنامىسى>نى تەدبىقلاشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى>> نى ئېلان قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 17– نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 –قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاك– تەلەپچان بولۇشتىكى 7 تۈرلۈك تەلەپكە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا‹‹پارتىيە ئىنتىزام چارىسى نىزامنامىسى›› دىكى بەلگىلىمىنى تەدبىقلاپ چارە كۆرۈش بىر قانچە مەسىلىسىگە ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى ھەمدە ئالاقىدار ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاشنى ئاساس بىلەن تەمىن ئەتتى، بۇ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلاردىكى پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

     ·15 – ئىيۇل سائەت 12 گىچە، دۆلىتىمىز تاپشۇرۇۋالغان دۆلەت ئىچى – سىرتىكى ھەر قايسى ئىجتىمائىي ساھەلەر ئىئانە قىلغان پۇل، ماددىي بۇيۇملارنىڭ قىممىتى 57 مىليارد 491 مىليون يۈەنگە، ئەمەلىيلەشكەن پۇل، ماددىي بۇيۇم 57 مىليارد 185 مىليون يۈەنگە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ئاجرىتىلغىنى 20 مىليارد 985 مىليون يۈەنگە يەتتى.

    .دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جيېچى 15 – ئىيۇل بېيجىدا دۆلىتىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن مونتېنېگرونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لوكىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى .

     15– ئىيۇل ، 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۆلكە مەركەزلىرى ۋە بىر قىسىم چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرلەرنىڭ مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى خىزمىتى بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە ئېچىلدى، مەملىكەت بويىچە 55 شەھەردىكى 100 دىن كۆپرەك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتىدىن كەلگەن 232 ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى.

    .پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ گاڭ 15 –ئىيۇل بېيجىڭدا، ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن جەنۇبىي ئافرىقا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىسى برود ئېنچىماند بىلەن كۆرۈشتى.

     .دېپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جېچىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، روسىيىنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ مۇشۇ ئاينىڭ 21–، 22–كۈنلىرى ئېلىمىزدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ، ئۆزئارا مۇناسىۋەت ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ .

 


 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ