|
مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ، مەمۇرىي تەپتىش ئەرزىيەت ۋە پاش قىلىش خىزمىتى يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 14–، 15–كۈنلىرى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە ئېچىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېىتنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغۋار بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە 3كە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت ۋە پاش قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاك–دىيانەتلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك›› .
|