باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى%16تىن كۆپرەك ئاشتى
2008- 07- 16 12:40 شىنجاڭ گېزىتى

     ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى  بۇ يىل زور تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ۋىلايەتنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 2 مىليارد 180 مىليون يۈەنگە،  دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 1315 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ  شۇ مەزگىلىدىكىدىن ئومۇمىي كىرىم %16.89، ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم %20.86 ئاشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم،  خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېھقان – چارۋىچىلارنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ تەڭشەشكە، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئاكتىپ  يېتەكلىدى. يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە،  ئومۇمىي كۆلەمنى 1 مىليون 595 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ. بۇلتۇرقىدىن %22.67 كېڭەيتتى. ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىقچىلىقىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، كېۋەز  كۆلىمىنى 3 مىليون 505 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقىدىن 160 مىڭ مو،  ياغلىق زىرائەت كۆلىمىنى 69 مىڭ 200 موغا يەتكۈزۈپ، 16 مىڭ 500 مو، بەرەنگى تىپىدىكى زىرائەتلەرنى 40 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، 28 مىڭ مو كۆپەيتتى. ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمىنى يېڭىدىن 550 مىڭ كۆپەيتىپ، ئومۇمىي باغ  كۆلىمىنى 3 مىليون 680 مىڭ موغا يەتكۈزدى. چارۋىچىلىقتا نەسىل  ئۆزگەرتىش، كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ،  ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى داۋاملىق ئۆستۈردى. ۋىلايەت بويىچە ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىشلەپ چىقىرىلغان گۆش 78 مىڭ 450 توننىغا، سۈت 36 مىڭ 923 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن گۆش %15.1، سۈت %44.6 ئاشتى.    

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ